29 خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

29 خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى، 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 29 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بىرقىسىم ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش بېكىتىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى مەقسەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى چوڭقۇر ئاڭلاپ، يەرلىكنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ياردەم بېرىپ، تىپىك تەجرىبە، ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

«ئۇقتۇرۇش»تا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇنداق بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش تەرتىپىنى تېز ئورنىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىگىلەش. ئىككىنچى، يەرلىكنىڭ ناھىيە رايونىنى بىرلىك قىلىپ رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى دەل جايىدا، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىگىلەپ، يەرلىكنىڭ مۇلازىمەت قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مەدەت بېرىش، كارخانىلارنىڭ يۇقۇم زەربىسى ئېلىپ كەلگەن ئىشچى كەمچىل بولۇش، مەبلەغ قىس بولۇش، خام ماتېرىيال كەمچىل بولۇش، تەمىنلەش زەنجىرى راۋان بولماسلىق قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش. ئۈچىنچى، قاتناش، ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلۇۋاتقان ۋە يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، مۇھىم، زور تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇش، يۇقۇم سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن دېھقان ئائىلىلىرىگە ياردەم بېرىش، يۆلەش، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىگىلەش. تۆتىنچى، دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ھەم يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قەرز پۇلىغا قارىتا دىرى بىلەن ئۆسۈمنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشنى يولغا قويۇش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشكەن - ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىگىلەپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش. بەشىنچى، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، ئامما ئىنكاس قىلغان ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا دۆلەت قاتلىمىدىن تۈرتكە بولۇپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ۋە پىكىر - تەكلىپلەر، نۇقتىلىق ھالدا يەرلىك ھەل قىلالمايدىغان، ئۆلكە ئاتلاپ ماسلاشتۇرۇشقا، ساھەلەر، تارماقلارنىڭ قوللاپ ھەل قىلىشىغا ئېھتىياجلىق ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىگىلەش.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك، تەلەپچان بولۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىشى، ئومۇمىي خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىماسلىقى، 20 كىشىلىكتىن يۇقىرى يىغىن ئاچماسلىقى، تۈرلۈك شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئۇسۇللىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. يەرلىك ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا ياردەملىشىدۇ؛ دۆلەت قاتلىمىدىن ھەل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىغا دوكلات قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4