يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، كەڭ شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كېچە - كۈندۈز نۆۋەتچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە باتۇرانە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى توسۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. كەڭ شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، «ئۇقتۇرۇش»تا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش توغرىسىدا سەككىز جەھەتتە تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىرىنچى، شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە مۇۋاپىق خىزمەت ياردەم پۇلى تارقىتىش كېرەك. شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە يەرلىك بىرىنچى سەپتىكى شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە مۇۋاپىق خىزمەت ياردەم پۇلى بەرسە بولىدۇ، ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن شەھەر، ناھىيەلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ بېكىتىدۇ.

ئىككىنچى، شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش كېرەك. شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە ھادىسە يۈزبېرىپ زەخىملەنسە ياكى ئاغرىپ قالسا، «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»دا بېكىتىلگەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش، دەپ بېكىتىش كېرەك. ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋېتىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلدۇرسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇداپىئەلىنىش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت خىراجىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، تەۋەلىك پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سەھىيە مۇداپىئە سايمانلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەسۋابلىرىنى مۇۋاپىق سەپلەپ تارقىتىش كېرەك.

تۆتىنچى، ھەقىقىي تۈردە شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈكى، بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە كۆپ تەرەپ ئاساسىي قاتلامغا قايتا - قايتا ۋەزىپە چۈشۈرۈش، جەدۋەل تەلەپ قىلىش ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەھەللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن چىقىرىپ بېرىدىغان تۇرۇش ئىسپاتى ۋە ئۆيدە تېببىي كۆزىتىش مۇددىتى توشقانلىق ئىسپاتىدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش باھانىسى بىلەن، شەھەر - يېزا، مەھەللە تەشكىلاتلىرىدىن باشقا ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەھەر - يېزا، مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنى تولۇقلاش كېرەك. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

بەشىنچى، شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە بىرىنچى سەپتىكى شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ غىزالىنىش، دەم ئېلىش سورۇنى قاتارلىق تۇرمۇش كاپالىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. نۆۋەتلەشتۈرۈپ دەم ئالدۇرۇش، تولۇقلاپ دەم ئالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋاقتىدا زۆرۈر بولغان دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇزاق ۋاقىت ئارام ئالماي ئىشلىگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مەجبۇرىي دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە پىسخىك بېسىمنى ئازايتىشقا ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچى، شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە كۆيۈنۈش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە خىزمەت ئۈستىدە قازا قىلغان شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ئەڭ زور چەكتە ياردەم بېرىش كېرەك.

يەتتىنچى، شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەپ، مۇكاپاتلاپ، دادىل ئىشلىتىپ، مەمۇر ياكى كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلغان (تەكلىپ قىلغان)، كوچا (يېزا - بازار) كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرگەندە ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن ئويلىشىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىش كېرەك. ئالاقىدار قانۇن - نىزاملار بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋەبلىك قۇربان بولغان، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىن قەھرىمانلارنى باھالاپ بېكىتىش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

سەككىزىنچى، شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مەھەللىلەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقىرىقى سىياسەت - تەدبىرلەرنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، شەھەر - يېزا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتىن ئىبارەت مەھەللە مۇداپىئە سېپىنى چىڭ ساقلاش، پۇختا ساقلاشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سىياسەت - تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4