زامانىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېتەكچى پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

زامانىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «زامانىۋى مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئاچقۇچ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۈپ ئاساس، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىنى ئورتاق قاتنىشىشقا تېخىمۇ ياخشى سەپەرۋەر قىلىشنى تىرەك قىلىپ، ھۆكۈمەت تۈزەش بىلەن جەمئىيەت تەڭشەش، كارخانا ئۆزى تۈزەشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2025 - يىلىغا بارغاندا، مۇھىت تۈزەشنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، كارخانا مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى سىستېمىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، بازار سىستېمىسى، ئىناۋەت سىستېمىسى، قانۇن - نىزام، سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرى ۋە ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يۆنىلىشى ئېنىق، تەدبىرلىرى ئىلمىي، ئىجراسى كۈچلۈك، رىغبەتلەندۈرۈشى ئۈنۈملۈك، كۆپ تەرەپ قاتناشقان، ياخشى سۈپەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مۇھىت تۈزەشنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مالىيە چىقىمى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشانلىق باھالاش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نازارىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مۇھىت تۈزەشنىڭ كارخانا مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئىجازەتلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتىنى يېشىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىتنى تۈزەش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش كېرەك. مۇھىت تۈزەشنىڭ ئومۇمىي خەلق ھەرىكەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ مۇھىت ئاسراش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇھىت تۈزەشنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، دۆلەت تەشكىللىگەن مۇھىم، زور پائالىيەتلەردىن باشقا، ھەرقايسى جايلار يىغىن ئېچىش، مۇنبەر ۋە چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، كارخانىلارغا ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولمايدۇ.

«پىكىر»دە يەنە مۇھىت تۈزەشنىڭ بازار سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان