مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «نۆۋەتتىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى خىزمىتى كۆرسەتمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا «نۆۋەتتىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى خىزمىتى كۆرسەتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆرسەتمە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئالدىنقى يىلدىكى سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭپۇڭ رايونلار بىلەن ئاساسلىق سېتىش رايونلىرى تېگىشلىك ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش نىسبىتىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

«كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەرقايسى جايلار پەيتنى قولدىن بەرمەي ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئاشلىق كۆلىمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇغداي، شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش كېرەك. شارائىتى بار رايونلارنىڭ قوش پەسىللىك شال كۆلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىپ، چىلگە شال كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەم تىرىشىپ كېڭەيتىش كېرەك. نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۇدىگەر قىلىش سىناق نۇقتىلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشنى كېڭەيتىپ، شۇدىگەر قىلىشنى ئازايتىش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشتا ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ئىمكانقەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، «بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك»، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى تەمىناتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى، دېھقانلارنىڭ ئېتىزغا چىقىشى قاتارلىقلاردىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەر تۆۋەن رايونلار «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تەرتىپىنى ئىمكانقەدەر تېز، ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئوغۇتلاش، دورا چېچىش، مايسا يېتىشتۈرۈش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرى پائالىيىتىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەۋپ - خەتەر ئوتتۇراھال رايونلار زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىللە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى تەرتىپىنى ئىمكانقەدەر تېز، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. خەۋپ - خەتەر يۇقىرى رايونلار زېھنىنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دېھقانلارنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېتىزغا چىقىش، ئۇچراشماي مەشغۇلات قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك. خۇبېيمۇ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە دېھقانلارنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئەتىيازلىق باشقۇرۇش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى رايونغا ئايرىپ ئۆز مەزگىلىدە ياخشى تۇتۇش كېرەك. جەنۇبتىكى چىلگە شال ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى دېھقانلارنىڭ ئۇرۇقنى مۇۋاپىق پەيتتە چىلىشى، ئۇرۇق سېلىپ مايسا يېتىشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەركەزلىك مايسا يېتىشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئۇرۇقنىڭ مۇۋاپىق تېرىش مەزگىلىدە تېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار بۇغداي ئېتىزلىرىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مايسىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئاجىزلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچلۈكلەرنى تىزگىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى ئارا شال ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى مايسا يېتىشتۈرۈش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېڭىز يېرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئۇرۇق سېلىپ مايسا يېتىشتۈرۈشى كېرەك. شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال رايونلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ماشىنىلارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ ۋە تەڭشەپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئەتىيازلىق يەر تۈزلەش، ئەتىيازلىق يوپۇق يېپىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇغىرىش، سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىشنىڭ يۈرۈشۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بازار تەمىناتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» بولغان تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان تىرانسپورت يېشىل يولىنى بەرپا قىلىپ، دۇكانلارنىڭ تىجارىتىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا، ناچار يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى ياساش، سېتىش، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى ئىلمىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەتىيازلىق ئېتىز - ئېرىق، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىقلارنى ئىمكانقەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەبىئىي ئاپەتتىن ساقلىنىپ، كۆزىتىش - ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش ۋە ھۆلچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئېغىر، چوڭ كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، بۇغداينىڭ يوللۇق دات كېسىلى ۋە قىزىل پاختىلىشىش كېسىلىنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ، ئوتلاقتىكى ئاچ تۈن پەرۋانىسىنى رايونغا ئايرىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىجادىي ئۇسۇلدا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنى توردا تەربىيەلەش، يېتەكچىلىك قىلىش، مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى زۆرۈر بولغان نەق مەيدان يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش كېرەك. كۆلەملىك سۇبيېكتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا ئادەم ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يەر ئوبوروتى توختامىنى ئىمزالاش، داۋاملىق ئىمزالاش قاتارلىقلارنى ياخشى قىلىش كېرەك. رايون ئاتلاپ ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش، ماشىنا بىلەن ئۇرۇق سېلىشنى ياخشى تەشكىللەپ، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئەتىيازلىق ئۇرۇق سېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش داۋامىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4