پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىختىيارىي پۇل ئىئانە قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇم بىلەن ئېلىشىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش بىلەن بىللە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىختىيارىي پۇل ئىئانە قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا چىقارغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شى جىنپىڭ قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا رەھبىرىي يولداشلىرى ھەمدە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن پېشقەدەم يولداشلارمۇ باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئىپادىلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى جاپادىن قورقماي، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە جاسارەت بىلەن غەلىبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى ئىختىيارىي پۇل ئىئانە قىلىش، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى. پۇل ئىئانە قىلىشقا قاتناشقان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا رەھبىرىي كادىرلار بار، ئادەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرمۇ بار؛ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار بار، ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان ياشلارمۇ بار. بەزى يولداشلار ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال تېلېفون، تور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خىزمەتداشلىرىغا ئۆزىگە ۋاكالىتەن پۇل ئىئانە قىلىشنى ھاۋالە قىلدى؛ بەزى يولداشلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ، يەنىلا پۇل ئىئانە قىلىشقا ئاكتىپ قاتناشتى؛ بەزى يولداشلارنىڭ تۇرمۇشى باياشات بولمىسىمۇ، يەنىلا قىلچە ئىككىلەنمەي پۇل چىقاردى. چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى ئاپپاراتلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارمۇ بەس - بەستە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، باشقا دۆلەتتىكى ياقا يۇرتتا دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن مېھىر - شەپقەت يەتكۈزدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى بولغاچقا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولغاچقا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان