قۇرباننىسا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى تاپتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز لى شىڭ، شيې خۇيبيەن

1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى. لوپ ناھىيەسىدىكى چوڭ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قىپقىزىل پانۇسلار ئېسىلغان بولۇپ، ھەممە يەر قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. قۇرباننىسا سەيدىئەخمەت ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇردى، شۇ كۈنى ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، چىرايلىق كۆزلىرىدىن خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى. سىرتقا چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇ مەخسۇس ياساندى، ئۇچىسىغا يېپيېڭى سۈت رەڭلىك مامۇق چاپان، تىزىغا كېلىدىغان قارا رەڭلىك لابا يوپكا، پۇتىغا قىسقا ئۆتۈك كىيىپ، بۈدۈر قىلغان چاچلىرىنى ئېگىز بوغۇپ، يۈزىگە سۇس گىرىم قىلىپ، پاكىز ھەم مودا ياساندى.

ھازىرقى ئەھمىيەتلىك تۇرمۇشۇمنى ياخشى كۆرىمەن

بۇلتۇر 5 - ئايدا، قۇرباننىسا لوپ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملاپ، لوپ بازارلىق ھۆكۈمەتكە كېلىپ خىزمەت قىلدى. قىسقىغىنا بىرنەچچە ئايدا، قۇرباننىسانىڭ تاشقى قىياپىتىدىن ئىچكى دۇنياسىغىچە ئۆزگىرىش بولدى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، مۇخبىر قۇرباننىسا بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇ مۇخبىرنى ئادەتتە خىزمەت قىلىدىغان ئورنىغا باشلاپ باردى. شۇ چاغدا ئۇ قولىغا ئۆلچەملىك كۆك رەڭلىك ھۆججەت خالتىسىنى ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياسىنىشى بىلەن ئانچە ماسلاشمىغانىدى، مۇخبىر قىزىقىپ مۇنداق سورىدى: «نېمىشقا بۇنداق ھۆججەت خالتىسىنى ئېلىۋالدىڭىز؟» قۇرباننىسانىڭ چىرايىدىن دەرھال ئىپتىخارلىق جىلۋىلەندى، ئۇ ھۆججەت خالتىسىنى مەيدىسىگە بېسىپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن خوتەن شەھىرىگە بېرىپ ئوقۇيمەن، سەل تۇرۇپ تىزىملىتىمەن».

ئەسلىدە، قۇرباننىسا خەلق ئىشلىرى كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوتەن ۋىلايىتى ئۇيۇشتۇرغان بەش كۈنلۈك خەلق ئىشلىرى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشماقچى ئىكەن. «مېنىڭ ئادەتتە خوتەن شەھىرىگە بېرىش پۇرسىتىم ناھايىتى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە نەچچە كۈن تۇرالايدىكەنمەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلىگۈدەكمەن!» دېدى ئۇ.

ئۇ بىر كەنتنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ھەر كۈنى كەنتكە بېرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىشلارنىڭ بار - يوقلۇقىنى سورىدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن كەنتتىكى مېيىپلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلەپ بولدى.

«خىزمىتى بولسا نېمىدېگەن ياخشى، مەن بۇ خىزمەتنى بەك ياخشى كۆرىمەن.» قۇرباننىسا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مۇقىم خىزمىتىم يوق ئىدى، ھازىر ھەر كۈنى كەنتكە بېرىپ زىيارەت قىلىمەن، ھەر ھەپتىدە مۇقىم ۋاقىتتا ئۆگىنىش قىلىپ بىلىم تولۇقلايمەن، ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىمەن، ئەھمىيەتلىك تۇرمۇش كىشىلىك ھايات قىممىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلىدىكەن.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە چىن كۆڭلۈمدىن ئاپىرىن ئوقۇيمەن

قۇرباننىسا ئۆزىنىڭ چىرايلىق كىيىمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر يىل ئىلگىرى سىز مېنى كۆرگەن بولسىڭىز، مەن بۇ ھالەتتە ئەمەس ئىدىم.» ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ خىجىل بولغان ھالدا كۈلدى.

ئىلگىرى مومىسى ئۇنىڭغا دائىم قىزلار گىرىم قىلسا بولمايدۇ، ئۇسسۇل ئوينىسا بولمايدۇ، بىلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيسە بولمايدۇ، دەيتتى. قۇرباننىسا مومىسىنىڭ تەسىرىدە ئەڭ گۈزەل يېشىدا ئۆزىنى ئوراپ، گىرىم قىلماي، ياسانماي يۈردى. باشقا قىزلارنىڭ چىرايلىق كۆڭلەك كىيگىنىنى كۆرسە كۆڭلى بىئارام بولاتتى، كۆڭلىگە پەقەتلا ياقمايتتى، ھەتتا ئۇلارنى تىللايتتى. بىر قېتىم كوچىدا قۇرباننىسا كامانىيەڭ كۆڭلەك كىيگەن، ئوچۇق رەڭ لەۋ سۇرۇخ سۈرگەن ناھايىتى گۈزەل بىر قىزنى كۆردى. ئۇ ئەقلىدىن ئېزىپ قىزنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ: بۇنداق كىيىنىۋالساڭ قانداق بولىدۇ؟ بۇنداق قىلساڭ دوزاخقا كىرىسەن! دەپ تىللاپ ئۇ قىزنى نەق مەيداندىلا تىللاپ يىغلىتىۋەتتى.

قۇرباننىسا مۇخبىرغا «ئۇ چاغدا مەن ئەقلىمدىن ئېزىپتىمەن» دېدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم سىرداشتى، ئۇنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە قاتنىشىش تەكلىپىنى بەردى. «ئۇلار ماڭا تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمنى ھەمدە ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ناھايىتى قىزىقىپ، ئىلتىماس قىلىپ تىزىملاتتىم» دېدى قۇرباننىسا.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ھەممە ئىش كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئېيتقاندەك بولۇپ، قۇرباننىسا بۇ يەرنى ناھايىتى تېز ياقتۇرۇپ قالدى. «مەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە چىن كۆڭلۈمدىن ئاپىرىن ئېيتىمەن» دېدى ئۇ.

قۇرباننىسا تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، يەنە ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش ۋە گىرىم قىلىشنى ئۆگەندى. دەم ئالغاندا، ئۇ ھەر خىل ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كۈنلىرىنى ناھايىتى خۇشال - خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزدى. «مېنىڭ بىلىمىم ئاشتى، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى چۈشەندىم، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم» دېدى ئۇ.

تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىمەن

قۇرباننىسانىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا لوپ بازارلىق ھۆكۈمەتتە خىزمەتكە ئورۇنلاشتى، ھەر ئايدا مۇقىم مائاشى بار بولدى، بۇ خىزمەت ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلدى.

ئۇ ئىشقا چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، كەنتتە زىيارەتتە بولغاندا، بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ قوشنىسىغا يىغلاپ تۇرۇپ قىيىنچىلىقىنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئەسلىدە بۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئېرىنىڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالغان بولۇپ، جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كەلگەن، لېكىن پۇلى يېتىشمىگەن. قۇرباننىسا دەرھال: بۇنداق ئەھۋالدا ھۆكۈمەتتىن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ، دېدى ھەم ئۇنى باشلاپ بېرىپ ئىلتىماس قىلدى، شۇ كۈنىلا بازارلىق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلدى، ئۇ كەنت ئاھالىسى 3000 يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئېلىپ، جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

ياردەمگە ئېرىشكەن ئۇ كەنت ئاھالىسى قۇرباننىساغا ئارقا - ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتى. قۇرباننىسا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىش مېنىڭ خىزمىتىم، قىيىنچىلىقىڭىزنىڭ ھەل بولغانلىقىنى كۆرۈپ، مەنمۇ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.» شۇ چاغدىن باشلاپ، قۇرباننىسا باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ خۇشاللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ كەنتتە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، يۇرتداشلار ئۇنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، نېمە ئىش بولسا ئۇنى ئىزدەپ مەسلىھەتلىشىدىغان بولدى. باشقىلار ئېھتىياجلىق بولغان بۇنداق خۇشاللىقنى ئۇ ئىلگىرى ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە قۇرباننىسا ھەر كۈنى ئۆزىنى پاكىز، رەتلىك جابدۇپ، روھلۇق ھالدا ئىشقا بارىدۇ. «مەن داۋاملىق تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، تېخىمۇ زور قىممەت يارىتىمەن!» دېدى قۇرباننىسا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4