تاشيول قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خادىملار، ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى

تاشيول قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خادىملار، ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تاشيول قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خادىملار، ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، تاشيول قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، خادىملار، ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بىرىنچىدىن، تاشيول تورىنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار «ئىلمىي، تەرتىپلىك بولۇش، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تاشيول قاتنىشىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزىنى ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن ئېتىۋېلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، دۆلەت - ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولىنى توسۇشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، يېزا تاشيولىنى مەجبۇرىي توسۇۋېتىش ياكى كولاپ ئۈزۈۋېتىشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونى ۋە ھەق ئېلىش پونكىتى، ئۆلكە چېگراسى ۋە دۆلەت - ئۆلكە غول لىنىيە تاشيولىدا ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە كارانتىن قىلىش نۇقتىسى ياكى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش پونكىتى تەسىس قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ تەسىس قىلىنغانلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ۋاقىت، ئۇزۇن ئارىلىققا سوزۇلغان تاشيول قاتنىشى قىستاڭچىلىقى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىل يولىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، تاشيول - تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرى شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى (رېلىسلىق قاتناشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شەھەرلەر ئارا ئاممىۋى قاتنىشىدا تىجارەتنى ۋاقتىنچە توختاتقان مەزگىلدە، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى (توردا ئالدىن كېلىشىدىغان تاكسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ تىرانسپورت كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا توشۇش» مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دوختۇرلار، ئاممىۋى مۇلازىمەت خادىملىرى، ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار، بالىلار قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈشىنى زۆرۈر كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسىدىن باشقا رايونلار ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوقۇش باشلاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرلەر ئارا يولۇچىلار تىرانسپورتى، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، تاكسى قاتارلىق تاشيول - تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىرانسپورت كۈچى تەمىناتىغا ۋە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قاتناش بېسىق بولمىغاندا سەپەرگە چىقىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ نورمال سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. پائال شارائىت يارىتىپ، تاشيولدا بىۋاسىتە توشۇش قاتارلىق مۇلازىمەت شەكلى ئارقىلىق، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشى ئۈچۈن ھۆددىگە ئېلىنغان ئاپتوموبىللاردىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

ئۈچىنچىدىن، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى تىرانسپورتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرىنىڭ تۈرلۈك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تىرانسپورتىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە خادىملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش كىنىشكىسى» بار ئاپتوموبىللارغا قارىتا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تىرانسپورتى يېشىل يول سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. قىسقا مۇددەت ئىچىدە نۇقتىلىق يۇقۇم رايونىغا ماددىي ئەشيا توشۇيدىغان شوپۇرلار، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى قاتارلىق توشۇشقا كاپالەتلىك قىلغۇچى خادىملارغا قارىتا پىرىنسىپ جەھەتتە 14 كۈن ئايرىش تەدبىرى قوللىنىش ھاجەتسىز.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى رايونلار تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك رايونىدىكى تاشيول قاتنىشى ئۇل ئەسلىھەلىرى، تىرانسپورت بازىرى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خادىملار، ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يول يۈرۈشى ۋە نۇقتىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تاشيول قاتنىشى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا، تاشيول تىرانسپورتىنىڭ نورمال تەرتىپىگە كاشىلا قىلغانلارغا قارىتا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4