ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «مۇھىم تۇتقا»سىنى چىڭ تۇتتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ «سۈرئىتىنى ئاشۇردى»

قاراقاش:

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «مۇھىم تۇتقا»سىنى چىڭ تۇتتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ «سۈرئىتىنى ئاشۇردى»

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۇڭ ياۋېن

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش «مۇھىم تۇتقا»سىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ «سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش»تا، قاراقاش ناھىيەسى دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مۇخبىر قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بۇ يەردىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

كارخانىلار توپلىنىش كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش

«قاراقاش ناھىيەسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» دېدى قاراقاش ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ خوۋچىڭ.

بۇ ئىككى يىلدا، قاراقاش ناھىيەسى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، ھازىر 22 كارخانا، 330 نامراتلارنى يۆلەش سېخى، 420 ھۈنەرخانا بار.

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، كۇيا بازىرى شىنجاڭ يىفېڭخۇي توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ تىككۈچىلىك سېخىدا، 2 - گۇرۇپپىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى رابىيخان روزىباقى بىر تەرەپتىن، گۇرۇپپىدىكى خىزمەتچىلەرگە خىزمەت تەقسىم قىلىۋاتاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، مەسىلىگە يولۇققان خىزمەتچىلەرگە مەشغۇلات قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى، ئائىلە ئايالىدىن كەسىپ ئىشچىسىغىچە، يەنە سېخ گۇرۇپپا باشلىقىغىچە، رابىيخاندا چىرايلىق ئۆزگىرىش بولدى.

«مېنىڭ ھازىرقى خىزمىتىم گۇرۇپپىدىكى 35 خادىمنى باشقۇرۇش، ھەر ئايلىق كىرىمىم يامان ئەمەس. ئىشىكىم ئالدىدا ئىشلەپ، ھەم بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، ھەم ئىشلەپ پۇل تاپالايمەن، بەكمۇ قولايلىق، ھەقىقەتەن ياخشى بولدى!» دېدى رابىيخان خۇشال ھالدا.

رابىيخان قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرى يىلۋا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئائىلىسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى.

2018 - يىلى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئالاقىلىشىپ بېرىشى ئارقىلىق، رابىيخان شىنجاڭ يىفېڭخۇي توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسىغا ئايلاندى. رابىيخان ئىككى ئاچىسىنى بۇ يەردە بىللە ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى، ھازىر ئۈچ ئاچا - سىڭىل بىر سېختا بولۇپ، ھەر كۈنى بىللە ئىشقا بېرىپ كېلىدۇ، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

شىنجاڭ يىفېڭخۇي توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ خەيبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، كارخانا 700دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 245 كىشى نامرات ئاھالە.

رابىيخانغا ئوخشاش، قاراساي بازىرى شالدىراڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى قاھار باكىرمۇ تىرىشىپ يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالدى.

قاھارنىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق تېخنىكىسى يوق ئىدى، ئىلگىرى ناھىيە بازىرىدا پارچە - پۇرات ئىش قىلاتتى، كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى.

2019 - يىلىنىڭ بېشىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، قاھار ئۆزىنىڭ ئون تۇياق قويىنى كارخانىنىڭ بېقىپ بېرىشىغا ھاۋالە قىلدى ھەم خوتۇنى بىلەن بىللە كارخانىغا كېلىپ ئىشلىدى، ئىككىيلەن بىر ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلدى. «ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، مەن پايدا ئايرىغان 1800 يۈەن پۇلنى ئالدىم. ھازىر مەن يەنە ئىلمىي باقمىچىلىقنى ئۆگىنىۋالدىم، مائاشىمغا كۆپ تۆللەيدىغان ئون تۇياق ساغلىق سېتىۋالدىم، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تۆللەيدۇ!» دېدى قاھار خۇشال ھالدا.

شىنجاڭ ۋەنفېڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جيا چىڭدې مۇنداق دېدى: «ھاۋالىلىك بېقىش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەر ھەر يىلى مۇقىم پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشەلەيدۇ، ھەربىر تۇياق قوي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسى تۈگىتىلدى. نۆۋەتتە، بىز 2500دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق، 76 نامرات كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدۇق».

ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش

قاراساي بازىرى بوستان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاماننىسا مەمەتئابدۇللا ياڭاقنىڭ ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى گۆھەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

«بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن دەرەخ شاخلىرىنى پۇتاپ، ئىلمىي ئوغۇتلاپ، زىيانداشلارنىڭ ئالدىنى ئالدىم، ياڭاق ھوسۇلى يىلدىن - يىلغا ئاشتى. بىزنىڭ ياڭىقىمىزنىڭ پوستى نېپىز، مېغىزلىق، بازىرى بەك ياخشى» دېدى ئاماننىسا كۈلۈپ تۇرۇپ.

«قاراقاش ناھىيەسىدە جەمئىي 600 مىڭ مودىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ئورمان بار، بىز خاس باغ - ئورمانچىلىقنى خەلقنى بېيىتىشتىكى يېشىل كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى قاراقاش ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ جۈنجيې.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسى باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بويىچە پەن - تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، دەرسخانىدا نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلەش بىلەن ئېتىز بېشىدا ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەربىيەلەش شەكلى ئارقىلىق، يېزا - بازارلاردىكى باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكا تايانچلىرى ۋە باغۋەنلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىدى. ھازىرغا قەدەر، قاراقاش ناھىيەسى 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى تەربىيەلىدى.

تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئۈنۈمى مېۋىلىك دەرەخلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش ۋە ئۈزۈشتە كۆرۈلدى. 2019 - يىلى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ باغ - ئورمانچىلىقتىن قىلغان كىشى بېشى ساپ كىرىمى 1950 يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %23ىنى ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلمىي پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە، قاراساي بازىرى ھاتتا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر ئائىلىسى ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ، 5000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. بۇنىڭغا قاراقاش ناھىيەسى قۇملۇق لۈگويۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ ھەر ئايدا ئالىدىغان 2500 يۈەن مائاشنى قوشقاندا، ئوبۇلقاسىمنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى ئاشتى، «مەن ھازىر سېخ مۇدىرى، 60 نەچچە خادىمنى باشقۇرىمەن».

2017 - يىلى 12 - ئايدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئوبۇلقاسىم ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان قۇملۇق لۈگويۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، ھەم پۇل تاپالايدىغان، ھەم ئاغرىپ قالغان ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدى. «ھازىر، مائاشىم بولۇپلا قالماي، يەنە پۇتاش، پەرۋىش قىلىش، ئىلمىي ئوغۇتلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋالدىم، بۇلتۇر ئائىلىمىزدىكى ياڭاقنىڭ ھوسۇلى ئېشىپلا قالماي، ياڭاقنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى بولۇپ، بىۋاسىتە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا سېتىپ بەردىم».

ئىگىلىنىشىچە، قاراقاش ناھىيەسى قۇملۇق لۈگويۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياڭاق، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، قوشنا تۆت يېزا - بازارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 1200 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كۆپى نامرات ئاھالە ئىكەن.

ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش گۈزەل تۇرمۇشنى باشلاش

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن روزىگۈل سادىر كۇيا بازىرى نۇرلۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئېتىراپ قىلغان بېيىش باشلامچىسى. بىر يىل ئىلگىرى، روزىگۈلمۇ ئۆزىنىڭ ئائىلە ئايالىدىن شىركەت مەسئۇلىغا ئايلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

نۇرلۇق كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ گۈلنىگار يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە كىرگىنىمدە، روزىگۈلنىڭ پېشانىسى تەرگە چۆمۈلگەن بولۇپ، ئىككى ئوغلى ئاپتوموبىلغا ناۋات بېسىۋاتقان ئىكەن. «بۇ ئۆزۈمنىڭ كەسپى، غەيرىتىم زور» دېدى روزىگۈل.

ئىلگىرى روزىگۈل ئائىلىسىدىكى ئالتە جان قوي بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. «مېنىڭ ئەسلىدىلا ناۋات ياساش ھۈنىرىم بار، مەن ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ ناۋات ساتسام بولارمۇ؟» كەنتتىكى بەزىلەرنىڭ ناۋات ياساپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، روزىگۈل ناۋات پىششىقلاش شىركىتى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، 30 قوينى سېتىۋېتىشنى قارار قىلدى ھەم كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە بانكىدىن قەرز ئېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى غەملىدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىركەت رەسمىي تىجارەت باشلىدى. ئوغلى سېتىشقا، روزىگۈل ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل بولدى. «بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆز ماركامنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمەن» دېدى روزىگۈل.

ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن باشقا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللاپ، تېخنىكا ئۆگىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۈنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزدى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2019 - يىلى قاراقاش ناھىيەسى جەمئىي 89 مىڭ 876 ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 3698 كىشىنى شىنجاڭ سىرتىغا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، شىنجاڭ ئىچىدە 10 مىڭ 977 كىشىنى رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، 22 مىڭ 789 كىشىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، 52 مىڭ 412 كىشىنى پەسىل خاراكتېرلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالە تىرىشچانلىقى ۋە ئەجرى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى يارىتىشنى تاللىغان.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4