جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت قائىدىسىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قائىدە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «قائىدە»دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كۆزلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك، ئامما نازارەت قىلىش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، پاش قىلغان، ئەرز قىلغانلارنىڭ نازارەت قىلىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى قوغدىلىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تاپشۇرۇۋېلىش، قوبۇل قىلىش، بېجىرىش، بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپلىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسى ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ كەسكىنلىكى، ماسلىشىشچانلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پاش قىلىش، ئەرز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما نازارەت قىلىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پاش قىلىش، ئەرز قىلىش تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېت (ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپا)لىرى تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «قائىدە»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاش قىلىنغان، ئەرز قىلىنغان مەسىلىلەرنى قائىدە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، پاش قىلىنغان، ئەرز قىلىنغان مەسىلىلەرنى قائىدىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ بىر تەرەپ قىلمىشىغا «قىلچە يول قويماي»، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. «قائىدە»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش ۋە دائىملىق نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزۈپ، «قائىدە»نىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4