شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى پۈتۈن ئارمىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار مېي شىشيۇڭ، لى يۈن، فەن يۇڭچياڭ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئارمىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى غايەت زور ئىلھاملاندۇردى ۋە كۈچلۈك سەپەرۋەر قىلدى. باش قومانداننىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار شى جۇشى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يەرلىككە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاراشلىق قىسىم، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە گۇمانىي يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىكلەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە خىسلىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئاڭ، چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، بۇيرۇق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇرۇش يىللىرىدىكىدەك ئاشۇنداق جاسارەت، ئاشۇنداق جان پىدا قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئارمىيە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمىنى تېز يولغا قويۇپ، جىددىي گۇرۇپپا تەشكىللەپ سەرخىل، قابىل خادىملارنى تاللاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندۇردى. نۆۋەتتە، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆلىرى داۋالاش ئەترەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تۈرلۈك داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خەلقنى كۆزلەيدىغان مېھىر - مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ دىشيۇڭ، دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ بىن، ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ شېڭچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ مىزانى. نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك زىچ ماسلىشىپ، ئىلمىي داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى ياخشى قوغداپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئادا قىلىمىز. دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى داۋالاش ئەترىتى نەپەس ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۇڭ يۈچاۋ مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇم رايونى ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بېرىدىغان ئارمىيەدىكى تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېغىر يۈكىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى قۇتقۇزىمىز - داۋالايمىز.

كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشتىن قار - يامغۇر، توڭ ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشقىچە، يەنە تەيفېڭ بورىنىغا تاقابىل تۇرۇشقىچە، «قاتتىق قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان 6 - ليەن» تۇرۇشلۇق 74 - جىتۇەنجۈن مەلۇم لۈيى ھەر قېتىم پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى. لۈينىڭ جېڭۋېيى چېن جېنيۈ مۇنداق دېدى: جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، خەلقنىڭ ئامانلىقى، غېمى پەرزەنت ئەسكەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى. خەلق ئاممىسى ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش پارتىيەنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز.

82 - جىتۇەنجۈن مەلۇم لۈيى داڭلىق «تۆمۈر ئارمىيە لۈيى» بولۇپ، «ئارمىيە بايرىقى كۆتۈرۈلگەن جاي» دەپ تەرىپلەنگەن. يۇقۇم ئالدىدا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ يوليورۇقى بويىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىش، قول يۇيۇشتىكى يەتتە قەدەملىك ئۇسۇلنى نەق مەيداندا ئۆگىتىش، ئايرىش رايونى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاڭلىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇيۇملارنى دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى. «قىزىل 1 - ليەن»نىڭ ليەنجاڭى سۇن پېييۈ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم چوڭ ئاپەت يۈزبەرگەندە، خەلق ئارمىيەسى ھامان پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدۇ.

ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم شىسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: ئالدىدا قانچە غايەت زور قىيىنچىلىق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، قانچە كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، خەلق ئارمىيەسى مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، غەلىبە قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ. راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: ئارمىيەمىز پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى، ئەھۋال قانچە خەتەرلىك، ۋەزىپە قانچە تەخىرسىز بولغانسېرى ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىش، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك جەڭگىۋار روھنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقمايدىغان، ئۇدا جەڭ قىلىدىغان ئېسىل ئىستىلنى شۇنچە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ سىردىشى بولۇشقا تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ.

كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيەۋى ئىستىلى ۋە جەڭگىۋارلىق روھىغا قارىتا مۇھىم، زور سىناق. پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئىستىلى ئېسىل بولغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالدىغا ئۆتۈپ، ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشىمىز!

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4