يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلدى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

لى كېچياڭ مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلدى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى كېچياڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركەزنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەنپەئىتىنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئىلمىي، ئەتراپلىق تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ۋەزىيىتىنى توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە سىستېمىلىق، ئەتراپلىق بولۇپ، ئاچقۇچنى دەل تۇتۇش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك، ماسلاشقان ئۆلكىلەر ئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئاشكارا، ئوچۇق ئېلان قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار تارقاقلاشتۇرۇپ كېسەل كۆرۈش، مەركەزلىك قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. شەھەرلەردىكى مەھەللىلەر ۋە يېزا رايونلىرىدا يۇقۇمنى دائىرە بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش دائىرىسىنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار تېببىي مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا، تېببىي كۆز ئاسراش ئەينىكى، مەنپىي بېسىملىق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، ئالاقىدار دورا قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېز تەشكىللەپ، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى مەبلەغ سېلىش، تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەش كېرەك. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىئانىلەرنى بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش ۋە تەقسىملەش كېرەك. تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن نورمال تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قاتناش - تىرانسپورتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، جىددىي تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى ئالدىن يۈرگۈزۈپ، ھەقسىز يۈرگۈزۈپ، كۆمۈر، توك، ماي، گاز بىلەن نۇقتىلىق تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، چاغاندىن كېيىنكى ئىش باشلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ بازار مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بايرامدىن كېيىنكى خادىملارنىڭ قايتىش سەپىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقىرى پەللىدىن چەتنىتىپ يېتەكلەپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ يۇقۇم كۆپ يۈزبەرگەن رايونلاردىن كەلگەن خادىملار، جىددىي بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى خادىملارنىڭ قايتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ كۆزىتىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ياكى ئۆيدە توردا ئىش بېجىرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. قاتناش قوراللىرى، مەيدان، بېكەت، پىرىستانلارنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش قاتارلىق تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خۇبېي قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر ئۆلكە، شەھەرلەر قانۇن بويىچە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئىش باشلاش، تىجارەت باشلاش، دەرس باشلاشنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ. چېگرا سىرتىدا تۇرۇپ قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ قايتىش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: گوۋۇيۈەن بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، بىرلەشمە تىزگىنلەش مېخانىزمى مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كۈندىلىك قەرەللىك يىغىن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كېڭىشىپ تەتقىق قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئىلمىي، ئەتراپلىق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان