باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى دەرسخانىسى ئېتىزلارغا كۆچۈرۈلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن

قەھرىتان قىش، بىر ئالاھىدە سوۋغات پوسكام ناھىيەسى ئايكۆل يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى.

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر پوسكام ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئايكۆل يېزىلىق شۆبە مەكتىپىگە كېلىپ، ئايكۆل يېزىسىدىكى باغۋەنلەرنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىپ بەردى، ياڭاق پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

«مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۈگۈن يېزىمىزغا كېلىپ دەرس سۆزلەپ، بىزگە ياردەم قىلىپ تۈگۈنلەرنى يېشىپ بېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كېچىكىپ قالسام ئورۇن قالماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم.» تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشى بىلەنلا، ئايدىڭكۆل كەنتنىڭ 24 ياشلىق كەنت ئاھالىسى نۇرلامەت مەمەت پوسكام ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئايكۆل يېزىلىق شۆبە مەكتىپىگە يۈرۈپ كەتتى.

«مۇتەخەسسىسلەر قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى، بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ 18 مو ياڭاقلىقىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 300 كىلوگىرامغا، مو بېشى كىرىمىمىز 4500 يۈەنگە يەتتى.» كەنت ئاھالىسى غولام تاھىر مۇنداق دېدى: «مۇتەخەسسىسلەر ئېلىپ كەلگەن باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى دەرسى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى».

«ياڭاقنى يىغىۋالغاندىن كېيىن شاخلارنى پۇتاش كېرەك، چۈنكى مېۋىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن قىش پەسلىدە يوپۇرماق تۆكۈلۈشتىن بۇرۇن يەنە بىر مەزگىل ئۆسۈش مەزگىلى بولىدۇ، قىش، باش ئەتىيازدا پۇتاشنىڭ ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 11 - ئايغىچە پۇتاش كېرەك.» قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىدىكى تۇنساگۈل ۋاسىل كەنت ئاھالىلىرىگە تەپسىلىي چۈشەندۈردى: «كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان، بويىغا زورلاپ ئۆسكەن، پەسكە ساڭگىلىغان، قاتمۇقات، زىچ، قۇرۇپ كەتكەن شاخلارنى شالاڭلىتىپ، باغنى تازىلاپ، يىغىپ كۆيدۈرۈش ياكى چوڭقۇر كۆمۈش كېرەك...»

«مۇئەللىم، ئائىلىمىزدىكى ياڭاق دەرىخىنىڭ مېۋىلىشى ئاز، قانداق قىلىش كېرەك؟» كەنت ئاھالىسى روزى ئەمەت تىت - تىت بولغان ھالدا سورىدى.

«ئۈچ ئوغۇت، تۆت سۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ياڭاق دەرىخى چېچەكلەش مەزگىلىدە دەرەختىكى پاختىسىمان ئاتىلىق گۈل رېتىنىڭ %70ىنى كېسىۋېتىپ، %30ىنى قالدۇرۇپ قويساقلا چاڭلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ».

«مۇئەللىم، سىز بىزنىڭ ياڭاقلىققا بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، ئالدىمىزدىلا، ئانچە يىراق ئەمەس» دېدى نۇرلامەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ.

ئايدىڭكۆل كەنتىدىكى بىر پارچە ياڭاقلىق باغقا كېلىپ، تۇنساگۈل ياڭاقلىق باغنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، نۇرلامەتنى «خاتىرجەم قىلدى»: «بۇ دەرەخلەر تېخى كىچىك، ئىلمىي پەرۋىش قىلساقلا، يىلدىن - يىلغا مېۋىسى كۆپىيىدۇ».

بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ، نۇرلامەت يەنىلا بولدى قىلماي، «ئۆيدىكىلەر شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت جاپا تارتتى، ئازراقمۇ سەۋەنلىك ئۆتكۈزسەم بولمايدۇ» دەپ، مۇئەللىمنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. تۇنساگۈل مۇنداق دېدى: «مەن ئالاقىلىشىش نومۇرۇمنى سىزگە قالدۇراي، كېيىن يەنە قانداق مەسىلە بولسا، ماڭا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىڭ.» بۇ گەپنى ئاڭلاپ نۇرلامەت ناھايىتى خۇشال بولدى. تۇنساگۈل دەرسخانىدا دېھقانلارغا دەرس ئۆتكەندىن باشقا، مۇشۇنداق ئېتىز بېشىغا بېرىپ كەنت ئاھالىلىرىگە باغۋەنچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكە بۇرۇنلا كۆنۈپ كەتكەن.

بىلىپ - بىلمەي كۈن كەچ بولدى، تۇنساگۈل بۇ باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى دەرسىنى ئاخىرلاشتۇردى، ئۇ بىر تەرەپتىن كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقاچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلار، مەن دائىم كەنتكە كېلىپ تۇرىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى بار!»

«بۇنداق دەرس بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن بىر ئالاھىدە <سوۋغات>. بۇنداق <سوۋغات>نىڭ تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى نۇرلامەت خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4