مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش - چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، مېي شىشيۇڭ) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش - چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇن كۆرۈشكە قاتناشقان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ھەم چاغانلىق بەخت تىلىدى.

يېڭى جۇڭگونى مەدھىيەلەپ، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، قوغداش، گۈللەندۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلار شاد - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا چاغاننى خۇشال كۈتۈۋالدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەر ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئارىسىغا يېتىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى. پېشقەدەم يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

ئويۇن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، مۇقەددىمە، خاتىمە ۋە «ئارمىيە روھىنى مەڭگۈ تاۋلاش»، «خەلققە رىشتە باغلاش»، «ئالىقانچىلىك زېمىننىمۇ تارتقۇزۇپ قويماسلىق»، «جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىش»، «تومۇرداشلىقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش»، «تەنتەنىلىك ۋەدە»، «مىللەتنىڭ گۈللىنىشى» قاتارلىق يەتتە گۇرۇپپا نومۇردىن تۈزۈلگەن، ناخشا - ئۇسسۇل، مەنزىرە دىيالوگى، كىنو - تېلېۋىزىيەدىن ئارىيە قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت ۋاسىتىلىرىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش سالاپىتىنى نامايان قىلىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن. بايرامنى تەبرىكلەش تۈسى قىزغىن بولغان مەنزىرە ئويۇنى ۋە ئۇسسۇلى «چاغان ئۆتكۈزۈش · مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» بىلەن ئويۇننىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. ناخشا «خەلق ئارمىيەسى پارتىيەگە سادىق»، «بىز گۇتيەندىن قايتا يولغا چىقتۇق»دا، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىقلىقى، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنىدىغانلىقىدەك ئۇيۇل تاشتەك ئېتىقادى ئىپادىلەنگەن. كىلاسسىك ناخشا «قىزىل ئارمىيە ئاكا ئاۋايلاپ مېڭىڭ» ۋە يېڭى ناخشا «خىسلەت»تە، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ھايات - ماماتتا بىللە بولۇشتەك بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى، ئىلغار قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ئىنقىلابىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشتەك ئالىيجاناب روھى ئىپادىلەنگەن. لەپەر «ۋەتەننىڭ دېڭىز - ئوكيانىدا»، «ھاياتىم بىلەن سېنى قوغدايمەن»دە، ئۈچ ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ ۋەتەننى قوغداش، ئالىقانچىلىك زېمىننىمۇ تارتقۇزۇپ قويماسلىقتەك جاراڭلىق قەسىمى نامايان قىلىنغان. جەڭ ناخشىسى «جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ جەڭ مارشى·بىز بوشلۇقتىكى تەڭداشسىز بۈركۈت»، «بىز تەييارلىنىپ بولدۇق»تا، قىزىل تومۇرغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، غەلىبە قىلىشقا ئىرادە باغلاشتەك كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى نامايان قىلىنغان. لەپەر «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق»، «پولاتتەك ياچېيكا، قەھرىمان ئەسكەر»دە، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاساسىي مەقسەت، خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاشتەك يېڭى ئىستىل، يېڭى قىياپەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «مېنىڭ سۈزۈك سۇلىرىم، يېشىل تاغلىرىم»، «تەنتەنىلىك ۋەدە» قاتارلىق ناخشىلاردا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ جانلىق كارتىنىسى قايتا نامايان قىلىنغان. لەپەر «يېڭى زېمىن»، «تىنچلىق مەشئىلى» ۋە ئارىلاشما ئاۋازلىق خور «پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈڭ»دە، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش نامايان قىلىنغان. ئويۇن «جۇڭگو يولى»نى باشلاپ ئېيتىش ۋە بىرلىشىپ ئېيتىشنىڭ جۇشقۇن ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى، جۇشقۇن ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن بىللە كۆردى.

ئويۇننى كۆرگەنلەردىن يەنە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋەكىللىرى بار.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم