پارتىيەمىزنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى

−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتتى، كۈرەش ئىرادىمىزگە ئىلھام بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئالتە جەھەتتىكى تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەپەككۇر قىلىپ، دىققەتنى قانداق قىلغاندا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

ئىلگىرىكى ئىنقىلابىي كونا رايونلار بۈگۈنكى ئاقىل باغچە رايونىغا ئايلاندى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىنيى شەھىرى لەنشەن رايونىغا جايلاشقان خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئاقىل ئەشيا ئوبوروت باغچىسىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى يېقىندا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىغا قاراپ تېز قەدەم تاشلاندى.

«خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقى، ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلىرى، بەرگەن بارلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈندۇر. كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش بىزنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز.» لەنشەن رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنشى مۇنداق دېدى: «بىز پارتىيەنىڭ قالتىس تارىخىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئىزدەپ، بۇرچنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز».

مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا جايلاشقان قۇرۇلۇش ئىش ئورنى زىمىستان قىشنىڭ ئۈچىنچى چىللىسى مەزگىلىدىمۇ يەنىلا قاينام - تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قۇرۇلۇشچىلار ئىش قوشۇپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى.

خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو شياۋكې مۇنداق دېدى: «2019 - يىلى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا 67 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى. ھازىر تۈرلۈك خىزمەتلەر پىلان تۈزۈشتىن كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىشقا ئۆزگەردى. مۇشۇ پەيتتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم».

شىئەن قاتناش داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ مەيزېڭنىڭ قارىشىچە، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىم. «بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، غايە - ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، شىئەنگە كۆچۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، <ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، قەھرىمانلىق، ئۈمىدۋارلىق> بىلەن ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرىمىز».

باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن مەسىلىگە توغرا قارايدىغان جاسارەت ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«ھازىر بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ئۆز - ئۆزىنى ئانالىز قىلىشى <قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىش>قا ئوخشاپ قالدى، ئۆزئارا تەنقىد قىلغاندا <كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋېلىپ>، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلمىدى.» خۇنەن ئۆلكىسى جۇجوۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دېڭ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يىغىندىن بۇرۇن قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، يىغىن داۋامىدا ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، يىغىندىن كېيىن تۈزىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك.

بۇ ھەقتە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، مەملىكەتلىك قارا كۈچلەرنى يوقىتىش ئىشخانىسى كاتىبات ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن شياۋجۈن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە: «2020 - يىلى، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويدى، بۇ ھەم چوڭقۇر قېزىش، يىلتىزدىن تۈزەش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، ھەم ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىش، ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىش باشلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا كۈرەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك سىنايدىغان يىل. بىز جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، روھنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىك، مەسئۇلىيەتنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالماقنى ئۆزگەرتمەسلىكتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ ئەلا جەڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز».

مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى شۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا تولغان بولىدۇ.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سودا ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ما خۇا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى ئالدىدا، گۇاڭدۇڭ تولۇق ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ۋە تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، خەۋپ - خەتەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشكە قىستاپ، دىققەتنى سىياسەت سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، كۆپ مەنبەلەشكەن بازار ئېچىش، تاشقى سودا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، سودىنى قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مۇقىم تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولدى».

«2020 - يىلى، تاشقى مۇھىتتىكى پايدىسىز ئامىللار كۆپەيگەن، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايغان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمىتى ئۈنۈملۈك، خەۋپ - خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، سودىسى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كىچىك، ئۇششاق پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىمىز» دېدى يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ جيەنچىن.

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەمەلىي ئىشلەپ، زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش

تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر پارتىيە، بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن پارتىيە ئىچىدىكى تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر نيۇ نۇتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە قۇرۇلۇشى، كادىرلار ئىشلىرى قاتارلىق 41 تۈرلۈك قائىدە - نىزام تۈزۈپ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تۈزۈم ئىجراسىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتتى. كېيىنكى قەدەمدە، نازارەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەت تەلىپىنى قاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىشلارنىڭ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئۈلگە بولۇشى، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.

كەنت - گۇرۇپپىلارنىڭ يوللىرىنى ئۆزگەرتىش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپلەرنى يۆلەش، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا ئالدىراش يۈرۈش يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋتۇڭ شەھىرى جېنشيۇڭ ناھىيەلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىن پوجى بازىرى لاۋباۋجەي كەنتىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى چېڭ جۇڭچېڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەش مۇساپىسىدۇر.

«كەنت بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ، باشلامچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالدىدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، نامراتلىققا قارشى تۇرۇشتىكى بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىمەن» دېدى چېڭ جۇڭچېڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

ھەر نەچچە مىنۇتتا بىر ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتتىن چىقىدۇ − گەرچە سىرتتا ھاۋا ناھايىتى سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن جىلىن چاڭچۈن 1 - ئاپتوموبىل شىركىتى جيېفاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئىچى ئالدىراش ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىگە تولغانىدى.

«چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم موتورى، دۆلەت كارخانىسىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر بويىچە، باتۇرلۇق بىلەن باشلامچى بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت كارخانىسىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا <تۆت ئاڭ>نى كۈچەيتىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەرقىي شىمالنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تېخىمۇ زور تۆھپىمىزنى قوشۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېدى 1 - ئاپتوموبىل شىركىتى جيېفاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خۇ خەنجيې قەتئىيلىك بىلەن.

(مۇخبىرلار: جوۋ ۋېي، ۋاڭ چى، ليۇ يىجەن، لى يەنشيا، ياڭ ۋېن، ساۋ گوچاڭ، گاۋ بو، لى خاۋ، تەن چاڭ، دېڭ رۇيشۈەن، دىڭ لې، جاڭ زىيۈن، زى چياڭ، دۈەن شۈ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4