باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشى، ياخشى تۇتۇشى، رەھبەرلىك بەنزىلىرى مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ مەركەزلىك ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى سۆزنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ دائىم بوشاشماي تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى زۆرۈر دەرسلىك، دائىملىق دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە «توغرىلىنىپ»، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى بىلەن «سىكاننېرلاپ»، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىدىن ئىبارەت «رېنتىگېنگە چۈشۈپ»، ئەجدادلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار، ئىلغار تىپلارغا «سېلىشتۇرۇپ»، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى قوغداپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، بۇرچى زىممىسىدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەسىلىلەرگە توغرا قاراش جاسارىتى ۋە پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت - بۇرچقا خىلاپ ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، «ئايىغى چىقمىغان» قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئومۇمىي جەھەتتىن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان، ئەڭ غەم قىلىۋاتقان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى خۇلاسىلەپ، تاۋلاپ، تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تۈزۈم ئىجراسىنىڭ قاتتىقلىقىنى كۈچەيتىپ، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئىجراسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4