يېڭىلىق يارىتىش، گۈللىنىش مۇساپىسىدە

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن فاڭ، دۇڭ رۈيفېڭ، شى يۈسېن، خۇ جې

بىپايان تارىخ ئېقىنىدا، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيلىكنىڭ ئىلگىرىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

قەدىمىي شەرقتىكى مىللەت يۈز يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھالقىپ ئۆتكەندە، پەن - تېخنىكا بارغانسېرى زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىكى ئەڭ جانلىق ئامىلغا ئايلاندى. يېڭىلىق يارىتىشنى قانداق قىلىپ بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك دەۋر تېمىسى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، « يېڭىلىق يارىتىشنى جەزمەن تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك» دېگەن مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بۇرغىسىنى ياڭراتتى.

بۇ بىر غايەت زور ئۆزگەرگەن «ئۇرۇق» بولۇپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە ئۈزلۈكسىز «ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ».

«چاڭئې»نىڭ ئاينى تەكشۈرۈشىدىن «چاڭجېڭ 5 - نومۇر»نىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگىچە، «جياۋلۇڭ»نىڭ دېڭىزغا شۇڭغۇشىدىن ئاۋىياماتكىنىڭ سەپكە كىرگۈزۈلۈشىگىچە... جۇڭگو بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىدە ئۆتكۈر پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىكلىدى.

«شامالدا پەرۋاز قىلىپ، ئۆرلىدىم تۈمەن چاقىرىملىق بوشلۇققا، نەزەر سالدىم ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىغا.» ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولغان جۇڭگو، ئىشەنچ بىلەن شۇنداق جاكارلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىزنىڭ كۈرىشىمىز داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ!

ۋەزىيەتنى كۆزىتەلىگەنلەر دانا، ۋەزىيەتكە ماسلىشالىغانلار ئاقىل − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش دەۋر تاللىشىنى چىقاردى.

پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرى ئۈچۈن رولنى تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، يول كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا يېتەكلىدى.

ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگونى دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

«دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش»، «دۆلىتىمىز يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»، «رايون - بۆلەك زەنجىرىنى يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى قىلىش»... چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغىچە، يەنە رايون - بۆلەك زەنجىرىگىچە، كىشىلەر جۇڭنەنخەيدىكى دەرسخانىنىڭ ھەمىشە دۇنيا ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى.

يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۇپىر ئۆتكۈزگۈچ، نېيترىنو فىزىكىسى، كىۋانت نورمالسىزلىقى خول ئېففېكتى، نانومېتىر پەن - تېخنىكىسى، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى، ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىنىڭ تەرتىپىنى ئۆلچەش... كىشىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىم ئىلىم - پەندە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئەھۋاللارنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش؛ سانائەت ئىنقىلابى چوڭ يۈزلىنىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كەسىپلەرنى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشقا يېتەكلەش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۇلپارنى بەس - بەستە چاپتۇرۇش...

ئېقىننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشى ئۈزلۈكسىز يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

نەتىجە ياراتقان، تۆھپە قوشقان ھەربىر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى «نامغىمۇ، مەنپەئەتكىمۇ ئېرىشكەندە»، ئەۋلادمۇئەۋلاد يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي قوشۇنى «چۈشەپ قويۇلمايدىغان بولغاندا»، ئالىم بولۇش سانسىزلىغان جۇڭگولۇق بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ئايلانغاندا، شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا زېمىنىغا جەزمەن سەرخىللار يىغىلىپ، كەلگۈسى جۇڭگو پەن - تېخنىكىسىنىڭ بىپايان ئاسمىنىدا جەزمەن يۇلتۇزلار چاقنايدۇ!

يېڭىلىق يارىتىش ئۇرۇقى چېچىلدى، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ئاشماقتا، يېڭىلىق يارىتىۋاتقان جۇڭگونىڭ غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇماقتا.

2035 - يىلىغا بارغاندا يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى بولۇش... كىشىلەر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگونىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ھالقىپ ئۆتىدىغان مۇھىم كوردىناتنى ئېنىق كۆردى.

«جۇڭخۇا مىللىتى توپلىغان ئېنېرگىيەگە بەك ئۇزاق بولدى، ئۇ پارتلاپ چىقىپ ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ».

مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەيلى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4