جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تېخىمۇ زور كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− 2019 - يىللىق مىللەتلەر خىزمىتى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ چى

جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش.

بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ زور بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلدى.

مىللەتلەرنىڭ قان قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيۇشۇش، جاسارەت بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەش تارىخى.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئالتاي يايلىقىغا قازاق مىللىتىدىن بولغان دوختۇر مەۋۇلشارىپ قاپانىڭ ياشلىق باھارى بېغىشلانغان. ئۇ نەچچە ئون يىلدا، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ كېسەل كۆرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى، شىنجاڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ھەربىر تەبىئىي كەنتىگە باردى، ھەربىر كىگىز ئۆي ئۇنىڭغا ناھايىتى تونۇش.

ھازىرغا قەدەر، گەرچە پېنسىيەگە چىققىنىغا كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا يېزا - كەنتلەردە ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

2019 - يىلى 9 - ئايدا، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، مەۋۇلشارىپ قاپاغا ئوخشاش مۇشۇنداق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان 812 نەمۇنىچى شەخس ھەمدە 665 نەمۇنىلىك كوللېكتىپ تەقدىرلەندى.

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى −

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئوبلاست (ۋىلايەت، شەھەر، ئايماق)لىرىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايون (ئورۇن)لىرىنى باھالاش، نام بېرىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى تەييارلىدى؛

7 - تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايون (ئورۇن)لىرى ۋە 6 - تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەربىيە بازىسىنى باھالاش، نام بېرىش خىزمىتىنى تاماملاپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش» تەتقىقات بازىسىنى يوللاش ۋە باھالاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى؛

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرىنى بېيجىڭدا دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، تارىخنى ئەسلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تەرەققىيات توغرىسىدا سۆزلەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي پاراتنى كۆرۈپ، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ۋەكىللەرنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى؛

......

بىر قاتار تەدبىرلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشتەك جەمئىيەت شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قان قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى پائال بەرپا قىلىش

مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش.

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك زېمىنى، خۇاڭخې دەرياسى. 2019 - يىلى باش كۈزدە، 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جېڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭخۇانى مەدھىيەلەپ، ئارزۇنى قۇچاقلاش. كۆلىمى مىسلىسىز بولغان بۇ مىللەتلەر تەنھەرىكەت كاتتا يىغىلىشى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشى، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مىللەتلەر مەدەنىيىتى كاتتا يىغىلىشى بولدى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان شىزاڭ قونداقلىق ئوقيا ئېتىش كوماندىسىنىڭ ئەزاسى لو خۇڭيىڭ بىلەن سىۋاڭ چۈجېن تونۇشقىلى كۆپ يىل بولغان ياخشى ئاچا - سىڭىللار بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ 6 - قېتىم بىللە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى. قارلىق ئېگىزلىكتىن چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىققىچە، لىڭنەن گۇاڭدۇڭدىن رەڭدار گۇيجوۋغىچە، بىپايان يايلاقتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك زېمىنىغىچە، مۇسابىقە نەتىجىسىگە قارىغاندا ئۇلار جەرياندىن تېخىمۇ ھۇزۇرلاندى، باشقا ماھىرلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ قەدىرلىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى −

«جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردا تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە ھال سوراش ئويۇنى قويۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى؛

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى قۇتقۇزۇش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار باش تېمىسىدا بىر قاتار كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇردى؛

«مەملىكەتلىك قوش تىل ئۆگىنىشتىكى خاس كەنت - بازار (ئەمەلىيەت بازىسى)» قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئاساسىي مائارىپ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مىللىي رايونلارنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتتى؛

.......

تىرىشىش ئارقىلىق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىندى، مائارىپ ئىشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندى، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا زوقلىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز شەكىللەندى.

مىللىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنى تېزلىتىش

يۈننەن ئۆلكىسى شىمېڭ ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بەنمۇ كەنتىدىكى لاخۇ مىللىتىدىن بولغان قىزچاق ئېر مېي نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى كەپىدە تۇراتتى، قورسىقى ئاچ قالاتتى.

شۇ جايدىكى ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرلىرى ئۇنىڭغا ئۈمىد بېغىشلاپ، ئۇنى ناھىيە كىرگۈزگەن فېڭيې شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەشكە تونۇشتۇردى. ئۇ ئىشنى ھەرە ساندۇقى يۆتكەش، ئوت - چۆپ ئورۇشتىن باشلىدى، نۇرغۇن قېتىم ھەرە چېقىۋالغاندىن كېيىن، ئانا ھەرە يېتىشتۈرۈش ۋە ھەسەل ھەرىسىنى توپقا ئايرىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ، يىراق - يېقىنغا داڭلىق «ھەسەل ھەرىسى بېقىش ماھىرى» بولۇپ قالدى. 2019 - يىلى 7 - ئايدا، ئۇ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولدى.

جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى كۈن كەچۈرۈشى كېرەك. مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمىسا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمايدۇ.

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى مىللىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشى ئىشلىدى −

«13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلاردا مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەركەزنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى؛

مەملىكەتلىك ئاپتونوم ئوبلاستلار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش بويىچە نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولدى؛

مىللىي رايونلاردىكى خاس كەنت - مەھەللىلەرنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش پىكرىنى بېسىپ تارقىتىپ، مىللىي رايونلارنىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى؛

......

سىياسەت شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ تېز ئىلگىرىلىمەكتە.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ مىللەتلەر ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تېخىمۇ زور كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4