چاڭجېڭ 5 - نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا شىجيەن 20 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن ۋېنچاڭ، 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن فاڭ، خۇ جې) ئالتۇن رەڭلىك غايەت زور يالقۇن تاغ - دېڭىزدا ئەكس ئەتتى. 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 20دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭجېڭ 5 - نومۇرلۇق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان 3 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئوت يېقىلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى، 2000 سېكۇنتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، شىجيەن 20 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، سۈنئىي ھەمراھنى ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربىتىغا كىرگۈزدى، ۋەزىپە تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، بۇ، چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ 323 - قېتىم قويۇپ بېرىلىشى.

چاڭجېڭ 5 - نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا يەنە كىشىلەر تەرىپىدىن «بودەك 5» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ توشۇغۇچى راكېتانىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىشىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى زور ئىتتىرىش كۈچىلىك زەھەرسىز، بۇلغىمىسىز سۇيۇق جىسىملىق راكېتاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭىلىق يارىتىش قىيىن نۇقتىسى كۆپ، تېخنىكا ھالقىش دەرىجىسى زور، مۇرەككەپلىك دەرىجىسى يۇقىرى. راكېتاغا پۈتۈنلەي يېڭى ئۆزەك دەرىجىسىدىكى دىيامېتىرى بەش مېتىر بولغان راكېتا گەۋدىسى قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن، دىيامېتىرى 3.35 مېتىر بولغان تۆت دانە ئىتتىرگۈچ باغلانغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 57 مېتىر، ئۇچۇش ئېغىرلىقى تەخمىنەن 870 توننا، يەرگە يېقىن ئوربىتىدىكى توشۇش ئىقتىدارى 25 تونناژ، يەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك يۆتكىلىش ئوربىتىسىدىكى توشۇش ئىقتىدارى 14 تونناژ، يەرشارى - ئاي شارى يۆتكىلىش ئوربىتىسىدىكى توشۇش ئىقتىدارى سەككىز تونناژ بولۇپ، ئومۇمىي ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىي تېخنىكىسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئالەم ئۇچقۇسىنى قويۇپ بېرىش ياكى ئالەم ئۇچقۇسىنى تېخىمۇ يىراق ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 3 - قارارلىقى، تۇنجى قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى ۋە مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى ھېسابلىنىدۇ.

شىجيەن 20 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ يەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك ئوربىتا يېڭى تېخنىكىسىنى دەلىللەش سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، دۇڭفاڭخۇڭ 5 - نومۇرلۇق يېڭى بىر ئەۋلاد چوڭ تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھ سۇپىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى دەلىللەيدۇ ھەم كۆپ تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىلارنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، يەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك ئوربىتىدا خەۋەرلىشىش رادىيو كەسپىنى قانات يايدۇرىدۇ.

ئالەم قاتنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرگەن ئەمەس. ئون نەچچە يىل قۇرۇلۇش تەتقىق قىلىش - ياساش ئارقىلىق، چاڭجېڭ 5 - نومۇرلۇق راكېتا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2016 - يىلى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ۋە 2017 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئىككى قېتىم قويۇپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئىككىنچى قېتىملىق قويۇپ بېرىشتە راكېتا موتورى كاشىلىسى سەۋەبىدىن سۈنئىي ھەمراھنى ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربىتىغا يەتكۈزەلمىدى. قۇرۇلۇش پۈتۈن سېپىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى زور كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككى يىلدىن كۆپرەك جاپاغا چىداپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن يەر يۈزى سىنىقى ئىشلەپ، 2 - قېتىملىق قويۇپ بېرىشتىكى مەغلۇبىيەت، كاشىلىنى تۈگىتىش ۋە 3 - قېتىملىق راكېتا قويۇپ بېرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

چاڭجېڭ 5 - نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا قۇرۇلۇشىدا 2006 - يىلى تۈر تۇرغۇزۇپ تەتقىق قىلىپ ياساش تەستىقلانغان بولۇپ، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى باش بولۇپ تەشكىللەپ يولغا قويغان. راكېتانى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان، شىجيەن 20 - نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى باش بولۇپ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان، قويۇپ بېرىش، كۆزىتىش - كونترول قىلىشنى جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، كۆزىتىش - كونترول قىلىش سىستېمىسى بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللەپ يولغا قويغان. جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دېڭىز بويىدىكى ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى، ئۇ، كەڭلىك گىرادۇسى تۆۋەن، قويۇپ بېرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، قويۇپ بېرىش يۆنىلىشى كەڭ، توشۇش قولايلىق بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد توشۇغۇچى راكېتا ۋە يېڭى تىپتىكى ئالەم ئۇچقۇسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4