ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ كارخانىلارنىڭ 5 مىليارد 524 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى

مۇخبىرىمىز لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: «شىركەتتە 900دىن كۆپرەك ئىشچى - خىزمەتچى بار، بۇ يىل 5 - ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تۆۋەنلىتىلگەندىن بۇيان، پەقەت كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈرىدىلا، ھەر ئايدا 130 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاز تاپشۇرىدىغان بولدۇق» دېدى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى باي ناھىيەسى جۇڭتەي كۆمۈر كوكۇسلاشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى رەن يۈشىن.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىرلىك ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتىنى %16كە تۆۋەنلەتتى؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك تۆۋەنلىتىشنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇددىتىنى 2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە ئۇزارتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تۆۋەنلىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ جەمئىي 5 مىليارد 524 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يۈكى ئازايتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 3 مىليارد 554 مىليون يۈەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 636 مىليون يۈەن، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى 334 مىليون يۈەن بولغان.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىدا ھەقىقىي، ئەمەلىي رول ئوينىدى. رەن يۈشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت تېجەپ قالغان پۇلنى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغان.

چوڭ كارخانىلارنىڭ تەسىراتى كۆرۈنەرلىك بولدى، كىچىك كارخانىلارنىڭ «ئېرىشىش تۇيغۇسى»مۇ تۆۋەن بولمىدى. كۇچا خۇاشيەنزى كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت چەكلىك شىركىتىدە 20دىن كۆپرەك مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىم بار، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، كارخانا بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن ھەق تاپشۇرۇش تەننەرخىنى تېجەپ قالالايدىغان بولدى. «ھەقنى تۆۋەنلىتىش بىزنىڭ ناھايىتى كۆپ يۈكىمىزنى يېنىكلەتتى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مالىيە خادىمى شەرىپە مەمتىمىن.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش كارخانىلارنى يەڭگىل جابدۇندۇرۇپ، سەپەرگە ئاتلاندۇردى، بازار ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. بىر قىسىم كارخانىلار يۈك يېنىكلىتىشتىن تېجەلگەن مەبلەغنى مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، بازار ئېچىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش يەنە كارخانىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 11 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كارخانىلاردىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئادەم سانى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 300 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن.

«يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى سۈن جەنشۆ.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4