ئالدىنقى 11 ئايدا 208 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى

شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى سىجىل، تېز سۈرئەتتە ئاشتى

ئالدىنقى 11 ئايدا 208 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى

ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.65 ئاشتى

12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ساياھەتچىلەر يىپەك يولى ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. 2019 − 2020 - يىللىق قار پەسلىدىن بۇيان، بۇ قار تېيىلىش مەيدانى 60 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتىۋالدى.

(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جېن فوتوسى)

مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 208 مىليون 548 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.65 ئاشقان؛ 354 مىليارد 572 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.57 ئاشقان. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە سىجىل، تېز سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتى نامايان بولغان.

بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىشنى چۆرىدەپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆزگىچە ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى ياراتتى.

تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەدەنىيەت - ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرى، مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كەسپى جەمئىيەتلىرى، كارخانىلار، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرگە بېرىپ 50 نەچچە قېتىم تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ماركېتىڭ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمالدىكى كۆپ ساندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلارنى قاپلىدى. «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسى بارغانسېرى جۇلالىنىپ، سۈپەتلىك ماركا ئېففېكتى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايون پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، قاتناش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، مېتېئورولوگىيە قاتارلىقلار بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «ساياھەت +» ئارقىلىق ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار ساياھەت مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قاتتىق تۈزەش خىزمىتىدىكى 12 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى جايلارمۇ مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇردى. ھەرقايسى جايلار «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى پائال ھەل قىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەلا سۈپەتنى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ ھازىر بار بولغان ئۇچۇش لىنىيەسى 264تىن ئاشتى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 11 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن شىنجاڭ سىرتىدىكى 20 شەھەرگە بىۋاسىتە ئۇچقىلى بولىدۇ. قاتناش تارماقلىرى شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان تۆمۈريول، تاشيول چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تاشيول، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قولاي بولغان ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

ھەرقايسى جايلار «ئالاقە تورى +» تەپەككۇرى ئارقىلىق، كۆپ قاتلاملىق ئاقىل ساياھەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، شۇنداقلا مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ماركېتىڭىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت تۈرى 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش لايىھەسى» ھەم «شىنجاڭ ئاقىل ساياھەت تۈرى 1 - قارارلىق دەسلەپكى پىلان لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقتى، يىل ئاخىرىدا دەسلەپكى قەدەمدە «بىر يان تېلېفون بىلەنلا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنى تورغا چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزدى، 2020 - يىلى ساياھەت ئاۋات پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن «بىر مەركەز، ئىككى سۇپا»نىڭ ئىقتىدار ئېھتىياجىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى، ئالتاي، تۇرپان، قەشقەر، قاراماي قاتارلىق جايلاردا ئاقىل ساياھەت سۇپىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

«شىنجاڭدا دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت بايلىقى بار، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىشتۇر» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋۇ خۇامىن.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4