تارباغاتاي ۋىلايىتى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر

مۇخبىرىمىز جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ پېيچى

«دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلەردىن ھازىرقى يورۇق، ئازادە ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ» دېدى قانات زامانبېگ خۇشال ھالدا. قانات چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن ئېمىل يېزىسى جاڭا بۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، شۇنداقلا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماستىن يەنە شۇ جايدىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى كۆپەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

باش تېما تەربىيەسىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ تۈزىدى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئالغا سىلجىتىش ئاستا بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، تۈزەش خىزمىتىنىڭ باشلامچى رەھبەرلىرى ۋە مەسئۇل ئورۇنلىرى، كونكرېت مەسئۇل كىشى ھەم تاماملاش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋىلايەتلىك پارتكومدىكى تارماقلار بويىچە باشقۇرۇشقا مەسئۇل رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ بەنزە ئەزالىرى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىلىرىنى بېكىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىنى ئېنىقلاپ، مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ، تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، تۈرمۇتۈر تۈزەتتى.

يېزا - بازارلارغا بېرىش، تەۋەلىك رايونلارنى زىيارەت قىلىش... تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى خىزمەت مەخسۇس بەنى ۋە نۇقتا بويىچە مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى دەل ۋاقتىدا تەسىس قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزدى. يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئامما سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، گۇمانىي مەسىلىلەرگە يۈزتۇرا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)، يېزا، بازار (مەيدان)، كەنت كومىتېتىدىكى كادىرلارنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى كەسپى بويىچە يەتتە مەيدان قېتىم تەربىيەلىدى، تەربىيەلەشكە قاتناشقانلار 350 ئادەم قېتىمغا يەتتى؛ ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ يېزا، بازار(مەيدان)لاردا شەھەر باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، جەمئىي 570 ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى، يۆنىلىش ئېنىق بولۇش، نىشان ئايدىڭ بولۇش، مەسئۇلىيەت پۇختا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارماقلار بويىچە باشقۇرۇشقا مەسئۇل رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئائىلىلەرگە بىر - بىرلەپ كىرىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى باھالاپ بېكىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قىسىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئۆيى توغرىسىدا دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىش تەدبىرى تۈزۈپ چىقتى. مۇشۇ ئاساستا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش تۈرى تىزىملىك دەپتىرى تەسىس قىلىپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈرىسىگە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلدى، ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، رايونغا ئايرىپ ئالغا سىلجىتتى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شيې كەيخۇا مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى قۇرۇلۇش سۈپىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تېخنىكا ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس چوڭ تەكشۈرۈشنى ئۈچ قېتىم قانات يايدۇرۇپ، 128 تۈرنى تەكشۈرۈپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت يوشۇرۇن خەۋپتىن 35نى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشنامىسىدىن 21نى چۈشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، قەرەلىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتى يېڭىدىن يېزا ئەمىن ئۆيىدىن 2882 يۈرۈش سالغان بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى ئورنىتىلىپ، ھەممىسى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى ۋە كۆچۈپ كىرىش شەرتىگە يەتكەن. ئۆيى يوق، خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيى تولۇق پۈتۈپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى تولۇق تاماملانغان.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4