ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭ ساياھىتى 50 مىڭ كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭ ساياھىتى 50 مىڭ كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارنى تېتىماقتا. قىش پەسلىدىكى خوتەن كەچلىك بازىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولىدۇ، ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 4000دىن ئارتۇق ساياھەتچى كېلىپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىيدۇ، ناخشا - ئۇسسۇل ئويۇنلىرىنى كۆرىدۇ.

(مۇخبىرىمىز چىن مېيخۇا فوتوسى)

مۇخبىرىمىز لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. ئالدىنقى ئون ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپىدە «يەتتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق 50 مىڭ سەككىز كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %125ى ئورۇندالغان.

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى يېڭىئۆستەڭ كەنتى چىڭلۇۋەن جاڭزىسىدىكى 25 ياشلىق بۇمەريەم ئەخمەتتوختى سوغۇق سەي تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «ئىلگىرى مەن ئائىلە ئايالى ئىدىم، ھازىر مەن سەي تەييارلاش ئۇستىسى، پىياز - لازا - شوخلا سوغۇق سېيى، قېرىن سوغۇق سېيى، لەڭپۇڭ قاتارلىقلارنى تەييارلاشقا مەن بەك ئۇستا، ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىمەن» دېدى بۇمەريەم پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا.

يېڭىئۆستەڭ كەنتىنىڭ ئەتراپىدا 600 مودىن ئارتۇق سۇلۇق يەر بار بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە قومۇش ئۆسىدۇ. شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ كىرگۈزۈپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتى بەرپا قىلدى، دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. ھازىر دېھقانلار ئارامگاھىدا 20 نەچچە كەنت ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇمەريەم دەل شۇلارنىڭ بىرى. دېھقانلار ئارامگاھى بۇ يىل 6 - ئايدا تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئەتراپتا خېلى نام چىقاردى.

ساياھەت كەسپى يۇرتداشلارغا ياخشى «پايدا» ئېلىپ كەلدى. دېھقانلار ئارامگاھىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن باشقا، بەزى كاللىسى ئۆتكۈر كەنت ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتا دۇكان ئېچىپ، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار تىجارىتى قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. «كەنت گۈزەللەشتى، ساياھەتكە كېلىدىغانلار كۆپەيدى، مەن پۇقراۋى قونالغۇ ئاچماقچى بولۇۋاتىمەن، ساياھەتچىلەر بىزنىڭ ئۆيدە يېتىپ - قوپسا، تاماق يېسە بولىدۇ» دېدى چىڭلۇۋەن ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنتوختى تۇردىباقى.

«ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى ما جيەنيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، تېخىمۇ كۆپ ئادەم، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نامرات ئاممىنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەنزىرە رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەچلىك بازاردا يايما ئېچىش، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

ما جيەنيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز سىياسەت، مۇلازىمەت، تەربىيەلەش جەھەتتە ئۇنىۋېرسال كۈچ چىقىرىپ، ساياھەت بويىچە كەسپىي تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«بىز يېقىنقى مەزگىلدە ئاشپەزلىك، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ماھارەت ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى <ساياھەتنىڭ تامىقى>نى يەپ بېيىش يولىغا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ساۋ جۇڭمىڭ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4