ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، كەلكۈن ئالۋاستى بىلەن جەڭ قىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 1998 - يىلى يازدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىنىپ، ئارمىيە، خەلق، كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك بولغان كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش مارشىنى پۈتۈپ چىقتى.

1998 - يىلى يازدا، ئېلنىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونى ۋە شىمالىدىكى سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونى، نېنجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىدا ئۇدا ئاز كۆرۈلىدىغان قاتتىق يامغۇر ياغدى، تارىختا خاتىرىلەنگەنلىرىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەن پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئۈچ دەريا رايونىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىك، كەنت - بازار ۋە شەھەرلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئېقىن رايونى ئىچىدىكى سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە بازىسى ۋە نەچچە ئون مىليون خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان نوپۇس 200 مىليوندىن كۆپرەككە يەتتى.

پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا قارىتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر مەيدان تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىگە قوماندانلىق قىلدى. مەركەز 300 نەچچە مىڭ كىشىلىك ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىمنى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا جىددىي يۆتكەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۇلارنى بۇ مەيدان كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ تايانچ كۈچكە ئايلاندۇردى.

جياڭ زېمىن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئۆزى باردى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بەس - بەستە نەق مەيدانغا بېرىپ، كەڭ ئارمىيە، خەلق بىلەن بىرلىكتە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى. ئىككى ئايغا يېقىن جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈندە ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشتەك مۆجىزە يارىتىلدى. 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جياڭ زېمىن جيۇجياڭ شەھىرىدە كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە ھەل قىلغۇچ ئۇلۇغ غەلىبىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى، ھەم ئاپەت رايونىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى بالدۇرراق قايتا قۇرۇشقا چاقىردى.

9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جياڭ زېمىن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ نېنجياڭ دەرياسى، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى. 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە، بىز ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى بارلىققا كەلتۈردۇق، بۇ بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىسلىسىز قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4