جۇڭگونىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك تۈزۈم ئاساسىنى مۇستەھكەملەش

− «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ بارلىققا كېلىش خاتىرىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاۋ چېڭ، خو شياۋگۇاڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، زوۋ ۋېي، شى يۈسېن

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە چىقىرىلغان ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە سىياسىي خىتاب.

ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار»ى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى ئۈچۈن تارىخىي سەھىپە پۈتۈپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تۈزۈم مەدەنىيلىكى ئۈچۈنمۇ جۇڭگونىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.

ئۇلۇغ بۇرچنى زىممىگە ئېلىش    دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش

− جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈش، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە

خەلق جۇمھۇرىيىتى 70 يىللىق ئۇلۇغۋار مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەندە، دەۋرنىڭ قەدىمى يەنە بىر ئەھمىيىتى ئالاھىدە تۈگۈنگە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

«پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىز <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئاچقان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتىپ بەردى.

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش» − بىر قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىندا بۇ مۇھىم، زور مەسىلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىش ۋە قارار چىقىرىش، بۇ، بىزنىڭ پارتىيەمىز تارىخىدا تېخى 1 - قېتىم.

بۇ، سىياسىي جەھەتتە، پۈتۈن ۋەزىيەت جەھەتتە، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەپ چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا تەتقىق قىلىنىدىغان باش تېمىنى ئويلىشىشقا باشلىغانىدى.

100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ دەۋر دولقۇنىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك پىكىر يۈرگۈزدى: دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشىدا نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؟

بۇ مۇھىم كۆرسەتمە ئومۇمىي يىغىن ئۈچۈن توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي رىتىمنى بېكىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار»ىغا سىڭدۈرۈلگەن قىزىل سىزىق بولۇپ قالدى.

«مەن پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ئۈستىدە ئۇزاق ئويلاندىم، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنىمۇ ئاڭلىدىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ئومۇمىي يىغىن قارالمىسىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جەزمەن جاۋاب بېرىدىغان دەۋر تېمىسى −

«ئېھتىمال يەنە 30 يىل ۋاقىتتا، بىز ئاندىن ھەرقايسى جەھەتتە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ تۇراقلاشقان تۈزۈم شەكىللەندۈرەلەيمىز.» يولداش دېڭ شياۋپىڭ 1992 - يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىدە بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى ئېچىلغان پارتىيە 14 - قۇرۇلتىيىدا بۇ يىغىن دوكلاتىغا تەنتەنىلىك يېزىپ كىرگۈزۈلدى ھەم «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولغاندا» دېگەن ۋاقىت جەدۋىلى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنلىرىدا بۇ ۋەزىپە يەنىمۇ تەكىتلەندى.

جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشى داۋامىدا، بۇ مۇقەددەس بۇرچ تارىخىي يوسۇندا يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشتى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، ۋاقىت تۈگۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغاندا، بۇ مۇھىم، زور تېمىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، يەكۈنلەپ، جاۋاب بېرىش زۆرۈر.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ لوگىكىلىق يەشمىسى −

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنىڭ دەۋر كوردىناتىدا، «ئىككى 15 يىل»لىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى: 2020 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2035 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىلىدۇ. ئىككى باسقۇچلۇق ۋەزىپىگە نەزەر سالساق، ھەممىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تېمىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى −

ئالتە يىل ئىلگىرى، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا تۇنجى قېتىم: «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نۇرغۇن يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئېغىر. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاشتا، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ۋە دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دۆلەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى −

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان تارىخىي پەيتتە تۇرۇۋاتقاندا، «ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، توختىماي كۈرەش قىلىپ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بىر سىياسىي پارتىيە، ئىرادىسىدىن يانماي مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بىر سىياسىي پارتىيە، جاھاننى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئەسىر پىلانى تۈزۈشكە ماھىر بىر سىياسىي پارتىيە مۇقەررەر ھالدا كېيىنكى 70 يىلدا بىز قانداق قىلىمىز، كەلگۈسى 100 يىللىق پىلاننى قانداق تۈزىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۇتۇشىدىغان يولنى قانداق قىلغاندا ماڭغانسېرى تېخىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ؟ ئۈستىدە ئويلىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تەرەققىياتچانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم ھەم ئۇزاققىچە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك».

بىر دۆلەتنىڭ قانداق تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاللىشى شۇ دۆلەتنىڭ تارىخىي ۋارىسلىقى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات سەۋىيەسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى جۇڭگونىڭ كەڭ، بىپايان مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ توپلىغان مەدەنىيەت ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلغان، ئىنسانىيەتنىڭ تۈزۈم مەدەنىيلىكىدىكى پايدىلىق نەتىجىلەرنى ئۆرنەك قىلغان بولۇپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىياتىدا شەكىللەنگەن، چوڭقۇر تارىخ لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىغا ئىگە.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغىنىغا 100 يىلغا يېقىن بولدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولدى، دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

دۇنياغا نېمە بولدى، دۇنيا قاياققا بارىدۇ. ئېنىقسىزلىققا تولغان كەلگۈسى ئالدىدا، دۇنيا جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرىغا تېخىمۇ دىققەت قىلماقتا.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتقاندا، بىز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشىدا نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور مەسىلىگە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق باسقۇچتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق جاۋاب بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

بۇ دەل پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تارىخىي ئورنى، شۇنداقلا ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى.

يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش    دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش

− ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنى تەييارلاش خىزمىتى باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆزئارا قوبۇل قىلىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىلدى

«پۈتۈن كۈچ بىلەن ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ياخشى ھۆججەت چىقىرىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىلا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئومۇمىي يىغىننىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئالدى.

2019 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 200 نەچچە كېچە - كۈندۈزدە، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنى تەييارلاش خىزمىتى باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.

ئىككى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىش، تۆت قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىش، ئىككى قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىش، سانسىز قېتىم ھۆججەت تېزىسىنى كۆرۈپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ تۈزىتىش؛ تېزىس رامكا لايىھەسىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە يوللانغان تېزىسقىچە، يۇقىرىغا يوللانغان ھەربىر تېزىسنىڭ ھەممىسىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىش، تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنى تەييارلاش خىزمىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.

يۆنىلىشنى ئىگىلەش −

ئومۇمىي يىغىن قارالمىسىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت خاراكتېرى ۋە خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ تەكىتلەش... باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخ ۋە رېئاللىق، ھازىر ۋە كەلگۈسى، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىن چىقىش قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنى تەييارلاش خىزمىتىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

پىرىنسىپنى بېكىتىش −

باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنى ياخشى تەييارلاشتا، بىرىنچىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، ئىككىنچىدىن، چوڭ باھالاش سىستېمىسىدىن تۈزۈمنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكى، ئەۋزەل - ئەۋزەل ئەمەسلىكىنى كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئۈچىنچىدىن، نۇقتىلىق ھالدا نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئېنىق سۆزلەش كېرەك.

مۇھىم نۇقتىنى سىزىش −

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا تەتقىق قىلىنىدىغان قارالمىلارنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ، تۈزۈمىمىزنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى ۋە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق شەرھلەپ، باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما ۋە ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلارمۇ ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار»ىنى تەييارلاش خىزمىتىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئېنىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىر ياخشى ھۆججەت تەييارلاش ئۈچۈن جەزمەن تىرىشىپ ئىدىيەۋى نەزەرىيە ساپانى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

ئىللىق باھاردىن يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىگىچە، يەنە كۈز پەسلىنىڭ تەدرىجىي كىرىشىگىچە، ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىلمىي ئەسەرلىرى، سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەتقىقات - مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى. نەچچە ئون ھۆججەت تاللانمىلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇپ، قايتا - قايتا سىزدى، بەزىلىرىنىڭ بەت بۇرجىكىنى قاتلاپ قويدى، بەزىلىرىگە كىچىك ۋاراقچىلارنى قىستۇرۇپ قويدى، تۈرلۈك خاتىرە، بەلگىلەر ئىجىر - مىجىر بولۇپ كەتكەنىدى. ئۆگىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەش، مۇھاكىمە قىلىپ ئۇچرىشىش، تەييارلاش - تۈزىتىش... ئومۇمىي يىغىننىڭ ھۆججىتى قايتا - قايتا سېلىشتۇرۇش، ئىنچىكە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش داۋامىدا تەدرىجىي شەكىللەندى.

بىر ياخشى ھۆججەت تەييارلاشتا، جەزمەن دېموكراتىيەنى، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنى تەييارلاش جەريانى سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيە ئىچىدە مەلۇم دائىرىدە مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ قارالمىلىرى توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى.

20 نەچچە كۈندە، 109 پارچە پىكىر ۋە تەكلىپ تەرەپ - تەرەپتىن توپلىنىپ كەلدى. ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى 540 مىڭ خەتلىك ئومۇملاشتۇرۇلغان نۇسخىنى رەتلەپ چىقتى ھەم ئومۇملاشتۇرۇلغان دوكلاتنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، دۇنيا ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تەپەككۇرى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەندى.

بەش ئاي جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، 9 - ئاينىڭ بېشىدا، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىغا پىكىر ئېلىش نۇسخىسى مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى رايونلارغا تارقىتىلىپ، پارتىيە ئىچىدە كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىندى. پارتىيە ئىچىدىكى پېشقەدەم يولداشلارمۇ ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا پىكىر بەردى.

باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ئۆزئارا سەمىمىي بولۇش. 4 - ئايدىلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تېمىسى توغرىسىدا پىكىر ئېلىشنى ھاۋالە قىلدى. 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا بەرگەن پىكرىنى ئاڭلىدى. يىغىنغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار نۇرغۇن قىممەتلىك، ئاقىلانە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى.

كەڭ قورساق، سىغدۇرۇشچان بولغاندىلا زورىيىش بولىدۇ. ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا قارىتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر جەمئىي 1948 پارچە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى قايتا - قايتا تەتقىق قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قوبۇل قىلىش» − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى ھۆججەتنىڭ 283 يېرىنى كۆپەيتىپ يازدى، ئۆزگەرتىپ يازدى، يېزىقنى پىششىقلىدى، ئىخچاملىدى، 436 پارچە پىكىر - تەكلىپنى قاپلىدى.

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈچى سەپەرۋەر قىلىنغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى(مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.

تۆت كۈنلۈك ئومۇمىي يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار(مۇزاكىرە نۇسخىسى)»ىغا بېرىلگەن ئىزاھاتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار» نۇسخىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى. 1 - قېتىملىق مۇزاكىرىدە، ئومۇمىي يىغىننىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى 227 پارچە قايتما ئىنكاس پىكرىنى تاپشۇرۇۋالدى. مۇشۇ پىكىرلەرگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىن «قارار(مۇزاكىرە نۇسخىسى)»ىنىڭ 45 يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ى نۇسخىسىنى يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقتى ھەم تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇلىدىغان «قارار» نۇسخىسى ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا يەنە بىر قېتىم تاپشۇرۇلدى. ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، تەتقىق قىلىپ پىكىر يۈرگۈزۈش، قىزغىن مۇزاكىرە قىلىش... يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن، يەنە بەزى تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئومۇمىي يىغىندا يەنە بىر قېتىم «قارار» نۇسخىسىنىڭ تۆت يېرىگە مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

پىكىر ئېلىش، قاراپ چىقىش، مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا، مۇھىم، زور ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەردىن ئاچقۇچلۇق سۆزلەر، مۇۋاپىق سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشكىچە، ھەر قېتىم ئېلىنغان پىكىرلەر سىستېمىلىق رەتلەندى، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىندى، تولۇق قوبۇل قىلىندى −

ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەندى، سۆز - جۈملىلىرى ۋەزىنلىك بولدى. ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

دىققەت تۈزۈم، ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھەربىر قىسىمنىڭ باش بۆلىكى ئىخچام، چۈشىنىشلىك قىلىپ بېكىتىلدى؛ كېيىنكى بىر قانچە ماددىدا نېمە قىلىش كېرەكلىكى ئېنىق ئېيتىلىپ، تۈزۈم، سىياسەت، فاڭجېنلار جايىدا سۆزلەندى؛ سىياسىي يەكۈن ئېنىق چىقىرىلدى، پىرىنسىپال مەيدان ئىخچام شەرھلەندى... ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنى تەييارلاش، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مۇھىم، زور مەسىلىلەردە مۈجمەللىك قىلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئېنىق سۆزلەش كېرەك» دېگەن تەلىپى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئىجرا قىلىندى.

يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك مۇنداق قارىدى: ئومۇمىي يىغىن «قارار»ى بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەيدىغان، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى ھۆججەت، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، مۇقەررەر ھالدا سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر - ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىش    توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش

− ئومۇمىي يىغىن «قارار»ى مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولىدۇ

2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى.

ئومۇمىي يىغىن «قارار»ى ئۈچ چوڭ بۆلەك، 15 قىسىمغا بۆلۈنگەن. 1 - قىسىم ئومۇمىي بايان بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپى بايان قىلىنغان؛ 2 - قىسىمدىن 14 - قىسىمغىچە ئايرىم -ئايرىم ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىدىكى 13 تەرەپ بايان قىلىنغان؛ 15 - قىسىم ۋە ئاخىرقى سۆزدە، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بايان قىلىنغان.

ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارار»ىنى ۋاراقلىغاندا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە سىياسىي خىتابى جاراڭلىق جاكارلانغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان نەزەرىيەۋى خىسلىتى، ئەمەلىيەت خىسلىتى قەغەز يۈزىدە جانلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

ئىككى چوڭ «مۆجىزە»! جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەندى −

«دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسى»، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان بۇ ئىككى چوڭ «مۆجىزە» تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى.

دەل مۇشۇنداق جۇڭگو مۆجىزىسى خەلقنى ئىشەنچكە تولدۇردى، دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. قىل سىغمايدىغان پاكىت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى.

13 چوڭ روشەن ئەۋزەللىك! جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكلىرى تۇنجى قېتىم مەركەزلىك يىغىنچاقلاندى −

«سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ياخشىلىقى قەيەردە، ئەۋزەللىكى قەيەردە ئىپادىلىنىدۇ» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا نېمە ئۈچۈن راۋان ماڭغىلى بولىدۇ، ياخشى ماڭغىلى بولىدۇ»... ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە، نەزەرىيەدە تېخىمۇ سەگەك، تېخىمۇ پىشقان زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جاراڭلىق جاۋاب قايتۇردى.

«پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىزم يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك»؛

«خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، خەلققە مەھكەم تايىنىپ دۆلەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى روشەن ئەۋزەللىك»؛

«پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىكى روشەن ئەۋزەللىك»؛

...

مەركەزلىك يىغىنچاقلانغان 13 روشەن ئەۋزەللىك دەل بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى.

13 تەرەپ! جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈملەر تۇنجى قېتىم چوڭقۇر بايان قىلىندى −

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرىيەت تۈزۈلمىسى، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈمى، شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى سىستېمىسى، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسى، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسى...

13 تەرەپنى قاپلىغان تۈزۈملەر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ چوڭ ۋە كەڭ ۋەزىيىتىنى ئىخچام تەسۋىرلەپ بەردى.

«ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش»! جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئومۇمىي نىشانى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى −

«پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش»؛

«2035 - يىلىغا بارغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش»؛

«يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىش».

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنىڭ تۈپ مىزانى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە غايەت زور ئەۋزەللىكىنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى.

ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا سىستېمىلىق تەسۋىرلەنگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىدا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى دۆلەتنىڭ تۈپ رەھبەرلىك تۈزۈمى بولۇپ، باشقا ھەرقايسى تەرەپلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە سىڭدۈرۈلگەن تۈزۈم.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىش» «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش»... ئالتە تەرەپتىكى تۈزۈم پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەيدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

خەلقنى مەركەز قىلىش ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىنىڭ قىممەت مەقسىتى.

«خەلق» سۆزى تەكرار ئوتتۇرىغا چىقىپ «شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش» مەخسۇس بابتا بايان قىلىندى، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، خەلققە بولغان باشتىن - ئاخىر بىردەك مۇھەببىتى تەنتەنىلىك جاكارلاندى.

«تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» «ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش»... ھەممىدە خەلقنى كۆزلەيدىغان سەمىمىي چوڭقۇر مۇھەببەت كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

«قالدۇرۇش» ۋە «تۇرغۇزۇش» تەڭ ئېلىپ بېرىلدى، «تۈزۈم» ۋە «ئىدارە قىلىش» يۈرۈشتۈرۈلدى.

ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا 200 نەچچە تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋەزىپەنامە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىجرا قىلىشتا.

ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى زىممىسىگە ئالغان مۇقەددەس بۇرچ، تارىخ تاپشۇرغان ئېغىر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشتىكى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى −

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى».

«جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يىراق - يېقىننى بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش...»

«تۈزۈم ئېڭىنى ھەقىقىي تۈردە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش»، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەمدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان ئالدىن پىلانى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار تەشۋىقات - لېكسىيە، تەشۋىقات لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈپ چىقىپ، مۇھىم، زور تەدبىر تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ئىش تەقسىمات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھى ۋە تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

باسقان يولنى ئەسلەپ، كەلگۈسى مۇساپىگە نەزەر سالساق، بوران - چاپقۇن سىناقلىرىغا قانچىكى دۇچ كەلگەنسېرى، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزمۇ شۇنچە ھەسسىلەپ ئاشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 5000 يىلدىن كۆپرەك شانلىق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭگو خەلقى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، نەچچە ئون يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ھەم جەزمەن تارىخ تەرىپىدىن توغرىلىقى ئىسپاتلىنىدىغان بىر داغدام يولنى تېپىپ چىقتى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئەسەرنىڭ تېخىمۇ شانلىق دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4