«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»غا ئائىت چۈشەندۈرۈش

شى جىنپىڭ

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ تەييارلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا چۈشەندۈرۈش بېرىمەن.

بىرىنچى، قارار تېزىسىنىڭ تەييارلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئويلىشىش

بىز يېقىندىلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق. يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسىنى چىقىش قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپتىن ئويلىشىلدى.

بىرىنچى، بۇ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىز ھارماي - تالماي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغۋار نىشان. پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بۇنىڭ ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ كەلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيەمىزنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا بولغان تونۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. 1980- يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ ساۋىقىنى خۇلاسىلىگەندە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: «رەھبەرلىك تۈزۈمى، تەشكىلات تۈزۈمى مەسىلىسى تېخىمۇ تۈپ خاراكتېرلىككە، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىككە، مۇقىم خاراكتېرلىككە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە.» «تۈزۈم ياخشى بولسا يامان كىشىلەر خالىغانچە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلالمايدۇ، تۈزۈم ياخشى بولمىسا ياخشى كىشىلەر ياخشى ئىشنى تولۇق قىلالمايدۇ، ھەتتا ئەكس تەرەپكە مېڭىپ كېتىدۇ.» 1992- يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۆزلىگەن سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بەلكىم يەنە 30 يىلدا بىز ئاندىن ھەرقايسى تەرەپلەردە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ تۇراقلاشقان بىر يۈرۈش تۈزۈم شەكىللەندۈرۈشىمىز مۇمكىن.» پارتىيە 14- قۇرۇلتىيىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «90- يىللاردا، بىز دەسلەپكى قەدەمدە يېڭى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئورنىتىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ ئىككىنچى قەدەمدىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. يەنە 20 يىل تىرىشىش ئارقىلىق، پارتىيە قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا، بىز ھەرقايسى تەرەپلەردە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ تۇراقلاشقان بىر يۈرۈش تۈزۈم شەكىللەندۈرىمىز.» پارتىيە 15- قۇرۇلتىيى، 16- قۇرۇلتىيى، 17- قۇرۇلتىيىنىڭ ھەممىسىدە تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئېنىق تەلەپ قويۇلدى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا، جەزمەن تېخىمۇ چوڭ سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن، مۇھىم ساھەدىكى ئىسلاھاتلارنى قولدىن بەرمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىلمىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى بارلىق نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەللەشكەن، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈشىمىز، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك». پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا «دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور تېما تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش» ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىلدى. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلەندى: «13- بەش يىل» مەزگىلىدە «ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئاساس خاراكتېرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۈزۈم قۇرۇلۇشى بىلەن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى: 2035- يىلىغا بارغاندا «ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش»؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا «دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش». پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى جەھەتتە يېڭى مۇھىم، زور قەدەم تاشلاندى. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «پارتىيەمىز خەلققە تېخىمۇ ياخشى رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ تۇراقلاشقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە.» ھازىر، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللىشىدىغان ۋە راۋاجلىنىدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈرىيىتى بار.

ئىككىنچى، بۇ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 نەچچە يىللىق مۇساپىسىدە، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي يېڭى مەزگىلىنى ئاچتى؛ پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىمۇ دەۋر بۆلگۈچ بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلدى. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا 336 تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەش يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئىسلاھات نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا مۇستەھكەم ئاساس سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ بەزىلىرى تېخى تاماملانمىدى، بەزىلىرىنى ھەتتا خېلى ئۇزاق ۋاقىتتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بىز نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق، بىراق يەنە يېڭىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقلار بار، بىز نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەرنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدۇق، بىراق يەنە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەر بار، بىز ھەرگىزمۇ بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز، ھەرگىزمۇ بوشىشىپ قىلىش، ئارام ئېلىۋېلىش خىيالىدا بولماسلىقىمىز كېرەك. مەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدىم: «يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، يولدىن ئېغىپ كەتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك». بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نۇرغۇن يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئېغىرلىدى، ئىسلاھاتنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۇچ كېلىدىغىنى چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىسى، ئىسلاھاتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە قويۇلغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇناسىپ قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش، سىستېما بەرپا قىلىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىر. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاشتا جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي ئوق قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ۋە دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئۈچىنچى، بۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. قەدىمكىلەر مۇنداق دېگەن: «دۆلەت ۋەزىيىتىدە گۈللىنىش بولمىسا خارابلىشىدۇ، دۆلەت ئىدارە قىلىشتا ئىلگىرىلەش بولمىسا چېكىنىدۇ». بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ۋەزىپىلەر ئېغىر بولۇپ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان، بىز دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كەسكىن بولۇپ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ بەزىلىرى دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن، بەزىلىرى خەلقئارادىن كەلگەن، بەزىلىرى ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىن كەلگەن، بەزىلىرى تەبىئەت دۇنياسىدىن كەلگەن. بىز ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم كۈچ - قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

يۇقىرىقىدەك ئويلىشىش ئاساسىدا، بۇ يىل 2- ئاينىڭ 28- كۈنى، 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدى ھەم ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

ئىككىنچى، تەييارلاش جەريانى

بۇ يىل 4- ئاينىڭ 3- كۈنى، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. 4- ئاينىڭ 7- كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئومۇمىي يىغىن قارالمىسى توغرىسىدا ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى. ھەرقايسى تەرەپلەر جەمئىي 109 پارچە قايتما ئىنكاس پىكرى بەردى، كۆپچىلىك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر، جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم، زور پىرىنسىپ ۋە تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈم ھەمدە دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە مۇھىم، زور ۋەزىپىلەر، قوللىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم تەدبىرلەر قاتارلىقلارغا ئائىت نۇرغۇن قىممىتى بار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى.

ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنداق قارىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلدى ھەم قارار چىقاردى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسى ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلغان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ئالتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئالاقىدار مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات مۇساپىسىدىكى تۈزۈم ئۆزگىرىشى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىستېمىلىق خۇلاسىلىدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىلىرى، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەر قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى رەتلەپ ۋە ھەزىم قىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، قارار تېزىسىنى تۈزىتىشنى تەكرار مۇزاكىرە قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 9- ئاينىڭ بېشىدا، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى تارقىتىپ، پارتىيە ئىچىدە مەلۇم دائىرىدە پىكىر ئېلىش، جۈملىدىن پارتىيە ئىچىدىكى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلاردىن پىكىر ئېلىش قارار قىلىندى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆگىنىش، مۇزاكىرىگە ئەستايىدىل تەشكىللىدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جەمئىي 118 پارچە قايتما ئىنكاس پىكرى بەردى. 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، مەن پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدىم، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئون پارچە سۆز ماتېرىيالى تاپشۇردى.

ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى تاپشۇرۇۋالغان بارلىق پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ چىقتى. جەملەش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەر جەمئىي 1948 پارچە تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، تەكرار پىكىرلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن 1755 پارچە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە پىرىنسىپال پىكىر 380 پارچە، كونكرېت تۈزىتىش پىكرى 1375 پارچە.

پىكىر ئېلىش، قايتما ئىنكاس ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەر قارار تېزىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىغان: قارار تېزىسىدا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە قانۇنىيىتى توغرا ئىگىلىنىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئاساسى تۇتۇلۇپتۇ؛ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئىشەنچى نامايان قىلىنىپتۇ؛ سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماسلىشىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كۈچلۈك مەسىلە يۆنىلىشى ۋە روشەن ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنىپتۇ. قارار تېزىسىدا «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىگە جاۋاب بېرىلىپ، ھەم جەزمەن پۇختا چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم، زور تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلار شەرھلىنىپ، ھەم تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم، زور ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمنى جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەش ۋە قاتلاملار بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، تۈزۈم ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم ئايلىنىشى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، تارىخنى يەكۈنلەش بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشنىڭ بىرلىكى، ئىرادىنى ساقلاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكى، مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، بۇ، مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈش، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

پىكىر ئېلىش جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، يىغىنچاقلانغان دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىدە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەزمۇنىنى كۆپەيتىپ يېزىش تەكلىپى بېرىلدى. ئىككىنچى، پەن - تېخنىكا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يەنىمۇ گەۋدىلىك تەكىتلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەكلىپى بېرىلدى. ئۈچىنچى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم تۈزۈم، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش تەكلىپى بېرىلدى. تۆتىنچى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپى بېرىلدى. بەشىنچى، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى چۆرىدەپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، كادىرلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە تەلەپ قويۇش تەكلىپى بېرىلدى. ئالتىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا دائىر نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىش تەكلىپى بېرىلدى. يەتتىنچى، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدە بويىچە تۈرتكە بولۇش، بىر گەۋدە بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرما ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش تەكلىپى بېرىلدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇدى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. قايتا - قايتا تەتقىق قىلىش، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، قارار تېزىسىدىكى 283 ئورۇنغا قارىتا كۆپەيتىپ يېزىش، ئۆزگەرتىپ يېزىش، يېزىقلارنى پىششىقلاش - ئىخچاملاش ئېلىپ باردى، بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىدىن 436 پارچىنى قاپلىدى.

قارار تېزىسىنى تەييارلاش مەزگىلىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئۈچ قېتىم يىغىن ئاچتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىلىدىغان قارار تېزىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئۈچىنچى، قارار تېزىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى

قارار تېزىسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ئويلاشقىنىمىز − «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشان ۋە مۇھىم زور ۋەزىپىلەرنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، توپلىغان تەجرىبىلىرى، شەكىللەندۈرگەن پىرىنسىپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، نۇقتىلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى شەرھلەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۆرۈر بولغان مۇھىم، زور تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتى، ئالغا سىلجىتىش زۆرۈر بولغان نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتىن ئىبارەت.

قارار تېزىسى 15 قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن. بىرىنچى بۆلەك 1- قىسىم، ئومۇمىي بايان بولۇپ، ئاساسلىقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى، كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكلىرى شەرھلەنگەن، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم زور ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككىنچى بۆلەك تارماق بايان بولۇپ، دىققەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 13 قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تۈرلۈك تۈزۈم جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ۋە مۇستەھكەملەيدىغان ئاساسىي نۇقتا، مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ۋە راۋاجلاندۇرىدىغان يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ھەم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىنغان. ئۈچىنچى بۆلەك 15 قىسىم ۋە ئاخىرقى سۆز بولۇپ، ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى زىچ چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئىجابىي تۈزىتىش پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننى ئورتاق ياخشى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز