1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى «قايتا قاراپ چىقىلىدۇ»

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى «قايتا قاراپ چىقىلىدۇ»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا <قايتا قاراپ چىقىش> توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىدىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى، تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ تۈزەش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىپ»، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، تۈزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش» كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلىرىدىن ئاڭلىق ھالدا ياخشى پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگەنگەن - ئۆگەنمىگەنلىكىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزى قاتارلىق ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلەرنى يېتىشىپ ئۆگەنگەن - ئۆگەنمىگەنلىكىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شۇ رايون، شۇ ساھەنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەن - ئۆگەنمىگەنلىكىگە؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن - كەلتۈرمىگەنلىكىگە؛ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرگەن - ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش» كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا تۈزىتىش لايىھەسىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈزىتىش ۋەزىپىلىرى ۋە ۋاقىت چېكى تەلىپى بويىچە بىر تۈر - بىر تۈردىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقان - تۇتمىغانلىقىغا، جايىدا تۈزەتكەن - تۈزەتمىگەنلىكىگە؛ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)دىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن تۈزەتكەن - تۈزەتمىگەنلىكىگە، ئۆزى تۇتقان - تۇتمىغانلىقىغا، بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى پۇختا تۈزەتكەن - تۈزەتمىگەنلىكىگە ھەم مەسئۇل ساھە ، ئورۇنلارنىڭ تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتقان - تۇتمىغانلىقىغا؛ ئاشكارا تۈزىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالغان - ئالمىغانلىقىغا، تۈزىتىش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئېلان قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش» كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا مەركەز بېكىتكەن ھەرقايسى مەخسۇس تۈزەشلەردە تۈرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئالغا سىلجىتىش يولغا قويۇلغان - قويۇلمىغانلىقىغا، ھەربىر مەخسۇس تۈزەش كېسىشىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر تۈزىتىلگەن - تۈزىتىلمىگەنلىكىگە؛ بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تەلەپنىڭ ئەمەلىيلەشكەن - ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىگە، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىغا، ھازىرقى ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان - بولمىغانلىقىغا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ تاكامۇللاشتۇرۇلغان - تاكامۇللاشتۇرۇلمىغانلىقىغا، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن - مۇكەممەللەشتۈرۈلمىگەنلىكىگە؛ ئامما ئەڭ جىددىي، ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىغا، ئاممىنىڭ رازى بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىش ئەھۋالىغا «قايتا قاراپ چىقىش» كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىكنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى تۇتۇپ، بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىش تۈر تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىققان - چىقمىغانلىقىغا ھەم تەشكىللەپ يولغا قويغان - قويمىغانلىقىغا؛ ساھە سىستېمىلىرىنىڭ دىققەتنى ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىش زۆرۈر بولغان نۇقتىلىق تۈرلەرنى بېكىتكەن - بېكىتمىگەنلىكىگە ھەم تۈزىتىشنى ياخشى تۇتقان - تۇتمىغانلىقىغا؛ 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىپادىسى ئاساسىي قاتلامدا، يىلتىزى يۇقىرىدا بولۇش» مەسىلىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇغان - تونۇمىغانلىقىغا، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلغان - قىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «قايتا قاراپ چىقىش»تا، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك، رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بويىچە تۈرمۇتۈر ئېدىتلاپ، رەتلەپ چىقىپ، قايسىلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىغا، قايسىلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىۋاتقانلىقىغا، قايسىلىرىنىڭ تېخى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى يىغىن ئېچىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا ئانالىز قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاپ، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە سەۋەبلەرنى ئانالىز قىلىش كېرەك. تۈزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، ئامما رازى بولمىغانلىرىغا قارىتا «قايتا قاراپ چىقىپ»، «دەرس تولۇقلاش»؛ يېڭى بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە قوشۇپ كىرگۈزۈش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى تارماق، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تۈزىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۆتكەلنى ئىگىلىشى كېرەك. «قايتا قاراپ چىقىش»تىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئىشخانىدا ئولتۇرۇۋېلىپ «ھېسابات دەپتىرىدە ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش»كە، «ماتېرىيالدا ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش»كە بولمايدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىكنىلا تۇتۇپ تەڭ دەرىجىلىكىنى تۇتماسلىققا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ياسىنجان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4