شى جىنپىڭ گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، لۇ ۋېنجۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 4- كۈنى شاڭخەيدە گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مىتسوتاكىسنىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشى جۇڭگونىڭ سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى قەتئىي قوللايدىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنياغا بازارنى ئېچىۋېتىدىغان مۇھىم، زور تەدبىرى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد سودا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا سودا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بىز گىرېتسىيەنىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلەت سۈپىتىدە ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىغا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى پائال تونۇشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتى ئەنئەنىۋى دوستانە بولۇپ، ئۆزئارا بىر - بىرىنى چۈشىنىدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدۇ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، ھەمكارلىق ئاساسى ياخشى. جۇڭگو تەرەپ گىرېتسىيە تەرەپ بىلەن بىللە يۇقىرى قاتلام ئالاقە ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشنى، بولۇپمۇ پىرائېئۇس پورتى تۈرىنىڭ يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئېنېرگىيە، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيلىك سۆزلىشىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئالاقە، ماسلىشىشنى ساقلىشى كېرەك. گىرېتسىيەنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، گىرېتسىيەنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مىتسوتاكىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرېتسىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى ئىقتىساد سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى خەلققە نەپ يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ پىرائېئۇس پورتى تۈرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى بايراقدار تۈرگە ئايلاندى. گىرېتسىيە جۇڭگوغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللايدۇ. گىرېتسىيە خەلقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گىرېتسىيەدە بالدۇرراق زىيارەتتە بولۇشىنى قىزغىن ئۈمىد قىلىدۇ. گىرېتسىيە داۋاملىق جۇڭگوغا ئېچىۋېتىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. گىرېتسىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىدۇ. گىرېتسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، لى چياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم