توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتايلى

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى پۇختا، مۇكەممەل بولغان بىر ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى بولۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، كۆرۈنەرلىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ھەم ياخشى چىڭ تۇرغان ۋە ياخشى مۇستەھكەملىگەندىلا، ھەم ياخشى مۇكەممەللەشتۈرگەن ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرغاندىلا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»دا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك تۈزۈملەردىكى چىڭ تۇرۇش شەرت بولغان تۈپ نۇقتا، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس - يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كۈچلۈك مەسىلە يۆنىلىشى ۋە روشەن ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئىشەنچى نامايان قىلىندى.

تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى. ئومۇمىي يىغىندا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكلىرى سىستېمىلىق يەكۈنلەندى، بۇنىڭدىكى مەقسەت پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆپ جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكلىرىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئەۋزەللىكلەرنى ئۇزاققىچە ساقلاش ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش بىزنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشىمىز. بۇ بىزدىن ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە سىجىللىقىنى ساقلىشىمىزنى، ھەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈملەرنى، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتا زۆرۈر بولغان تۈزۈملەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. «قارار»دا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىگە ئومۇميۈزلۈك جاۋاب بېرىلىپ، ھەم جەزمەن پۇختا چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم، زور تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلار شەرھلەندى، ھەم تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم، زور ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلما قىلىندى، بۇنىڭدا ئىپادىلەنگىنى دەل توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكى.

يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىدا، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەمۇرىي تۈزۈلمىسىدە، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈمىدە، شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلايدىغان خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىدە، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى سىستېمىسىدا، پارتىيە خەلق ئارمىيەسىگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىدە، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتلىرى، ئالغا سىلجىتىشقا تېگىشلىك نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلار يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈزۈم قاتلىمىدىكى كونكرېت راۋاجى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى ۋە كۈچەش نۇقتىسى. مۇشۇ جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، «قارار»دا تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمنى جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ۋە قاتلاملارغا ئايرىپ ئۇدۇللاشتۇرۇش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، تۈزۈم ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈم ئايلىنىشى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، تارىخنى يەكۈنلەش ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشنىڭ بىرلىكى، ئىرادىنى ساقلاش ۋە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكى، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكى نامايان قىلىندى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، كۈچەپ ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزدىكى سەۋەب جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن؛ بىز تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىمىز دەيدىكەنمىز، بىر ئىزدىلا توختاپ قالماسلىقىمىز، بەلكى تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى ئىللەتلەرنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، تۈزۈمىمىزنى پىشىپ يېتىلدۈرۈشىمىز ھەم ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.» تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆز - ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا تۈرتكە بولالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4