جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى. «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: «نىزام»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ كادىر تەربىيەلەش، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، نەزەرىيە قۇرۇلۇشى، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەن)لىرى «نىزام»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ بولۇشتەك تۈپ پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

«نىزام» جەمئىي 13 باب، 70 ماددا بولۇپ، 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. 2008- يىلى 9- ئاينىڭ 3 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە مەكتىپى خىزمىتى نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4