شى جىنپىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ

رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئاخبارات تور بېكەتلىرى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەيدە باشلىنىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ.

شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، ئاخبارات قانىلى، چەت ئەل تىلى قانىلى قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى، جۇڭگو ئاۋازى، يەر شارى ئۇچۇر رادىيوسى قاتارلىق رادىيو چاستوتىلىرى ھەمدە شىنخۇا تورى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ. ھەرقايسى ئاخبارات تور بېكەتلىرى، يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ياسىنجان