مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ چىغناق - تاغاق يېزىقى بايقالغانلىقى ۋە تەتقىقاتىغا 120 يىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

تەبرىك خەت

چىغناق - تاغاق يېزىقى بايقالغانلىقى ۋە تەتقىقاتىغا 120 يىل بولغان پەيتتە، مەن ئۇزاقتىن بۇيان چىغناق - تاغاق يېزىقى قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ چىقارغان مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ھەم سەمىمىي سالام يوللايمەن!

يىن خارابىسى چىغناق - تاغاق يېزىقىغا ئائىت مۇھىم، زور بايقاش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى، ھەتتا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. چىغناق - تاغاق يېزىقى بۈگۈنگە قەدەر جۇڭگو بايقىغان يىل دەۋرى ئەڭ بالدۇر، پىشىپ يېتىلگەن يېزىق سىستېمىسى، خەنزۇچە خەتنىڭ مەنبەسى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى، تومۇرى، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە، تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا، راۋاجلاندۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت چىغناق - تاغاق يېزىقى ۋەكىللىكىدىكى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆپ تارماق، كۆپ پەنلەر ماسلىشىپ چىغناق - تاغاق يېزىقى تەتقىقاتى ۋە قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم پەن ھالقىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، چىغناق - تاغاق يېزىقى تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، چىغناق - تاغاق يېزىقى قاتارلىق قەدىمكى يېزىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم بولۇشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەڭ تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى ۋە ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چىغناق - تاغاق يېزىقىنىڭ تارىخىي ئىدىيەسى ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2019- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەت ئەۋەتىپ چىغناق - تاغاق يېزىقى بايقالغانلىقى ۋە تەتقىقاتىغا 120 يىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان چىغناق - تاغاق يېزىقى قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ چىقارغان مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يىن خارابىسى چىغناق - تاغاق يېزىقىغا ئائىت مۇھىم، زور بايقاش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى، ھەتتا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. چىغناق - تاغاق يېزىقى بۈگۈنگە قەدەر جۇڭگو بايقىغان يىل دەۋرى ئەڭ بالدۇر، پىشىپ يېتىلگەن يېزىق سىستېمىسى، خەنزۇچە خەتنىڭ مەنبەسى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى، تومۇرى، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە، تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا، راۋاجلاندۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت چىغناق - تاغاق يېزىقى ۋەكىللىكىدىكى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆپ تارماق، كۆپ پەنلەر ماسلىشىپ چىغناق - تاغاق يېزىقى تەتقىقاتى ۋە قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم پەن ھالقىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، چىغناق - تاغاق يېزىقى تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، چىغناق - تاغاق يېزىقى قاتارلىق قەدىمكى يېزىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم بولۇشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەڭ تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى ۋە ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چىغناق - تاغاق يېزىقىنىڭ تارىخىي ئىدىيەسى ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چىغناق - تاغاق يېزىقى بايقالغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چىغناق - تاغاق يېزىقى نەچچە مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ روشەن بەلگىسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە قوشۇلغان مۇھىم تۆھپە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چىغناق - تاغاق يېزىقى تەتقىقاتى ۋە قوللىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىغىپ ساقلاش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، رەتلەش ۋە ئۇچۇر ئىزاھاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خاتىرىلەش - تەكشۈرۈپ چۈشەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تەتقىقاتتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چىغناق - تاغاق ئىلمى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ پەنلەرنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاكتىپلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىغناق - تاغاق يېزىقىنىڭ مەدەنىيەت سېھرىي كۈچى ۋە دەۋر قىممىتىنى نامايان قىلىش كېرەك.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى، خېنەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

1899- يىلى چىغناق - تاغاق يېزىقىنىڭ بايقىلىشى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى، ھەتتا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىش. چىغناق - تاغاق يېزىقى خەنزۇچە خەتنىڭ مەنبەسى، نەچچە مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، يۈكسەك سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمكى يېزىقنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چىغناق - تاغاق يېزىقىمۇ دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشقا غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا ئەستە ساقلاش كاتولوگى»غا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز