ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىشىگە تۈرتكە بولايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يېڭىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. «پىروگرامما»نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرقاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، ئەخلاققا رىئايە قىلىش، يۈكسەك ئەخلاققا ئىنتىلىش ئادەتكە ئايلاندى؛ قەھرىمانلارنى قەدىرلەش، نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ئەخلاق ساھەسىدە ئاكتىپ، ساغلام بولغان يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىدا ئاددىي - ساددا ئەمما ئوتتەك قىزغىنلىق ئىپادىلەندى، پۈتكۈل جەمئىيەت بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەتلىك، كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، مىللەتنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى. زامانىمىزدىكى جۇڭگو مول ئەخلاق بايلىقىنى توپلىدى، بۇ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى.

يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش كېرەك. پۈتۈن مىللەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئەخلاق ئىنتىلىشىنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىگە سىڭدۈرىدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىدۇ، يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئەخلاق، يەنى شەخسنىڭ ئەخلاقى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەخلاقى، جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىدۇر. دۆلەتنىڭ قىممەت نىشانى، جەمئىيەتنىڭ قىممەت مىزانى ۋە پۇقرالارنىڭ قىممەت ئۆلچىمىنى پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا ئورگانىك سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن كۈچنى توپلاپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرى جەزمەن ئىدىيەۋى سەۋىيە، سىياسىي ئاڭ، ئەخلاق - پەزىلەت، مەدەنىيەت ساپاسى، روھىي ھالەت قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، بۇ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى بولۇپ، بارلىق خىزمەتلەردە دىققەتنى بۇ نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىلچىمۇ ئېغىپ كەتمەسلىك كېرەك. دەۋر يېڭى كىشىلىرىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، دەۋر ئالاھىدىلىكى، تۈپ تەلىپىگە بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ. پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا مۇھىمى كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

(2019- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4