«جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى زوۋ ۋېي، لو جېڭگۇاڭ، ليۇ يىجەن، لىن خۇي

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قەدىمدىن ھازىرغىچە سانسىزلىغان دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىدىغان غايىسى بولۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىرادىسىدىن قايتماي ئىزدىنىدىغان نىشانى.

10- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلىنى تەتقىق قىلىش يىغىننىڭ روشەن باش تېمىسى بولىدۇ.

70 يىل قۇدرەتلىك كۈچ توپلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش.

دەۋر گۇۋاھ بولماقتا، تارىخ ئەستە چىڭ ساقلىنىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدە ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ تېخىمۇ يۇقىرى مەنزىلىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز قەدەم تاشلاپ، جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ تۈزۈم مەدەنىيلىكى ئۈچۈن جۇڭگونىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

تەجرىبىلەرنى توپلاپ ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈش −

پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆجىزىسى ۋە سىياسىي مۇقىملىق مۆجىزىسىنى ياراتتى

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، بېيجىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ئادەملەر مىغىلدايتتى.

«ئۇلۇغ مۇساپە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»گە كىرگەن كىشىلەر قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ۋاقىت تونېلىنى بويلاپ، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە نەزەر سالدى.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، پارتىيەنىڭ سايلام تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش... ھەربىر كۆرگەزمە تاختىسى، ھەربىر كۆرگەزمە بۇيۇمى 70 يىللىق تەرەققىيات مۆجىزىسىنىڭ ئارقىسىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىشتىن تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشكىچە، ئىزدىنىش داۋامىدا ئىلگىرىلەشتىن تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشكىچە، تېخىمۇ تۇراقلىشىشقىچە بولغان ئۇچقاندەك ئۆرلەش ئەگرى سىزىقىنى ئىخچام تەسۋىرلىگەنىدى.

«جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان نۇرغۇن مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغاچقا، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى فىرانسىيەلىك خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو - ياۋروپا مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى داۋىد گوسسېر ھاياجان بىلەن.

جۇڭگونىڭ كەڭ، بىپايان زېمىنىدا تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ توپلىغان مەدەنىيەت ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئىنسانلارنىڭ تۈزۈم مەدەنىيلىكىدىكى پايدىلىق نەتىجىلەرنى ئۆرنەك قىلىش، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

ئىزدىنىش يولىدا باشتىن - ئاخىر ھەقىقەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش −

2019- يىلى 9- ئاي، بېيجىڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىغا يىغىن بەلگىسى ئېگىز ئېسىلغانىدى.

مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بۇ يەردە ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقان 90 ياشلىق تيەن فۇدانىڭ خىياللىرى قاناتلىنىپ، ئىختىيارسىز ھالدا 70 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا قايتتى.

ئۇ 1949- يىلى 9- ئاي ئىدى، جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، ھەرقايسى ساھەدىكى داڭلىق ئەربابلار، مۆتىۋەرلەر يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق كېڭەشتى. شۇ يىلى 20 ياشقا كىرگەن تيەن فۇدا يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل سۈپىتىدە، ھاياجان ئىلكىدە، «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى»نى مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ يېڭى ھاياتىغا تەلپۈندى...

تۈزۈم − دۆلەت ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىش ئاساسىدا ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلىش، تەدرىجىي ياخشىلىنىش، ئىچكى مەنبەلىك ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، «غايىب چوققا»دىن بىرنى كۆچۈرۈپ كېلىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.

«پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلغان تۈزۈملا ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدۇ، ئەڭ ئەسقاتىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ھۆكۈمى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەمدە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمى قاتارلىق تۈپ سىياسىي تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈم ئۈستىدە ئىزدىنىلدى...

70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، بىر يۈرۈش ئاجايىپ ئۈنۈملۈك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ تۈزۈم ئۇل تېشىنى پۇختىلىدى.

ئىزدىنىش يولىدا باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىش −

«كەنتىڭلارنى قەد كۆتۈرۈش كەنتى دەيدىكەنغۇ؟ قەد كۆتۈردۈڭلارمۇ؟» ئىلگىرى بۇ سوئال خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لۇڭشەن ناھىيەسى قەد كۆتۈرۈش كەنتىنىڭ 51 ياشلىق كەنت ئاھالىسى لى خۇڭيۈننى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كوچىلاردا ماڭغان چاغلىرىدا، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىغان لى خۇڭيۈن بېشىنى تىك تۇتۇپ: «مەن ھازىر باشقىلارنىڭ مەندىن ئاشۇنداق سورىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» دەيدىغان بولدى.

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدىكى ھەربىر خۇش چىرايلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئۇرغۇپ چىققان غايەت زور ئېنېرگىيەنى مەنبە قىلغان، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقچىللىقنى روشەن ئالاھىدىلىك قىلغان بىر قاتار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مەنبە قىلغان.

«بىرمۇ بالىنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرمەسلىك»تەك مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىن «تورتنى چوڭ ياساش، تېخىمۇ مۇھىمى، تورتنى ياخشى بۆلۈش»تىن ئىبارەت كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىگىچە، يەنە ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە پۇختا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىگىچە... تۈزۈم ھەرگىزمۇ مۇزدەك ئەسۋاب بولماستىن، بەلكى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھارارەتتۇر.

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇش ۋە ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىممەت مەقسىتى قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ئەڭ ياخشى ئىزاھات بېرىلدى.

ئىزدىنىش يولى، باشتىن - ئاخىر ۋارىسلىق قىلىش، چىڭ ساقلاش داۋامىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش −

ئاقىللار ۋاقىت، شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، دانالار ئىشقا بېقىپ تەدبىر تۈزىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كەلمىگەن تۈزۈلمە مېخانىزمى ئالدىدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىغا ئاتلانغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئاجايىپ سىياسىي جاسارىتى بىلەن «نەزەرىيەدىكى چەكلەنگەن رايون»نى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمگە ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى دەۋرنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى قوشتى.

ۋاقىت بىلەن ۋەزىيەتنى ئېنىق كۆزىتىپ، «تۈزۈم» بىلەن «ئىدارە قىلىش»نى يۇغۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى «ئۆزگىرىش» بىلەن «ئۆزگەرمەسلىك»نى پۇختا ئىگىلىدى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى −

سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ھەربىي ئىشلار، تاشقى ئىشلار قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛

ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇشتا، تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى مۇۋاپىق بولدى، تەرتىپى قاتتىق بولدى، قانۇنغىچە ئۇزارتىلدى؛

يۈرۈشلەشتۈرۈش ئۈنۈملۈك، تۈزۈملەر ئارىسىدىكى ئايلىنىش ماس، راۋان، تەرتىپلىك بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» يۈزبېرىپ، ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندى...

بىر چىمدىم - بىر چىمدىم توپىنى توختىماستىن يۆلەش ئارقىلىق، ئېگىز توپا تاغلارنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

مەۋقەنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، كۈندىن - كۈنگە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ ۋە غايەت زور ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ غايەت ھەيۋەتلىك دولقۇنىدا جۇڭگو سەھىپىسى پۈتۈلدى.

ئېگىزگە چىقىپ تېخىمۇ يىراققا نەزەر سېلىش −

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقان، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مۇساپىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش شەرت

بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دراگخى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇل سىياسىتى قەرەللىك يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىر ئىزدا توختاپ قالغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، پۇل پاخاللىقى سىجىل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان، ئىقتىسادنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئۈمىدسىز كەيپىيات كۈنسېرى يۇقىرىلاۋاتقان پەيتتە، دراگخىنىڭ ئىز باسارى ياۋرو رايونىدىكى قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرگە داۋاملىق يۈزلىنىدۇ.

نەزەر شەرققە ئاغدۇرۇلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.2 ئاشتى، ئىستېمالنىڭ ئېشىشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60تىن ئاشتى، پۈتۈن يىلدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى... جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «ئۈچ پەسىللىك مەلۇمات جەدۋىلى» بېسىم ئاستىدا تېخىمۇ ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇشى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن.

«بىز ئىلگىرى نوپۇس ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولغان ھەم ئۇزاق مۇددەت ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولغان، ئەگەر سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئۆز - ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ھاسىلاتقا ئېرىشسە، تۈزۈم جەھەتتە تېخىمۇ زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن جىن.

كىچىك ئەقىل ئىشنى ئىدارە قىلىدۇ، چوڭ ئەقىل تۈزۈمنى ئىدارە قىلىدۇ.

ئالتە يىل ئىلگىرى، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىسلاھات خەرىتىسى سىزىپ چىقىلىپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇلۇغۋار نىشان كۆرسىتىلدى − ئۇ بولسىمۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

بۇ «سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى، پەن - تېخنىكا»دىن ئىبارەت تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن كېيىن، پارتىيەمىز ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى بولۇپ، سوتسىيالىستىك جۇڭگونى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە جۇڭگو قانداق يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ؟

تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگونى تىرىشىپ قۇردى؛ بىر قاتار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈمى ئارقىلىق، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى...

جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى سىياسەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەم بولۇشى، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەندە، جۇڭگو يەنە قانداق خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ؟

دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىشىدە، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرى تېخى تارقىلىپ بولالمىدى، يەر شارىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ئىنقىلابى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەندىزىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى بارلىققا كەلتۈردى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشەش كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇۋاتىدۇ...

دىققەتنى ئۆزىمىزگە مەركەزلەشتۈرسەك، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە تۇرۇش يەنىلا ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر ھەم ئۇزاق بولىدۇ، تۈرلۈك خىرىس ۋە خەۋپ - خەتەرلەر گىرەلىشىۋاتىدۇ، قاتلىنىۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسى زىممىمىزدە.

تېخىمۇ كۆپ «تەرەققىي قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى مەسىلىلەر»نى جىددىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرگەن ئىسلاھات ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھەم ئۈنۈمگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ھەم ئادىللىقنى قوغداشقا، ھەم رىقابەتلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈشكە ھەم تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىشقا، ھەم پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا ھەم ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تېخىمۇ موھتاج؛

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم قويۇش ئۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئۆلچەم سىستېمىسى قاتارلىقلارنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشكە جىددىي موھتاج، شۇڭا تۈزۈم مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك...

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تېخىمۇ كۆپ ئىنتىلىشىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك:

تېز سۈرئەتتە يېتىپ كېلىۋاتقان قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا قانداق قىلىپ زور ياشانغانلار توپىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشى، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇشى، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇشى، ياشانغاندا ماكانى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

«قالالمايدىغان شەھەر» ۋە «قايتالمايدىغان يېزا - كەنت»كە يۈزلەنگەندە، قانداق قىلىپ يۈزمىليونلىغان يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنىڭ «خاتىرجەم ياشايدىغان يۇرت»قا ئېرىشىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

...

تۈزۈم − مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، تېخىمۇ ياخشى ھالدا دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق «ئىدارە قىلىشنى تۇرغۇزۇشتا سىستېما بولۇش، ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشتا تەرتىپ بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

31- ئورۇن!

دۇنيا بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «پۈتۈن يەر شارى تىجارەت - سودا مۇھىتى دوكلاتى 2020»دە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 15 ئىسىم تەرتىپىنى ئاتلاپ، تۇنجى قېتىم پۈتۈن يەر شارى تىجارەت - سودا مۇھىتى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 40نىڭ قاتارىغا كىرگەن.

«يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»نىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىنىڭ ئارقىسىدىكىسى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى: بېيجىڭدا بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتىلا نىمكەش ئۆينى يۆتكەپ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ؛ شېنجېندا كارخانا تىجارەت كىنىشكىسىنى «سېكۇنتتا تەستىقلاش» ئىشقا ئاشتى...

خۇددى تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزىگە ئوخشايدۇ. تۈزۈمنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى تەرەققىياتنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، تەرەققىيات مۇساپىسىمۇ تۈزۈمنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىشىغا ماسلىشىپ، تۈزۈمنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاللىبۇرۇن يېڭى دەۋر تېمىسىغا ئايلاندى.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشى تۈزۈم، قانۇن قاتارلىقلارنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي ئامىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز، ئۇدا تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.» چىڭخۇا داشۆ دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر جەريان چوقۇم ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىش، كۈچىيىش جەريانى بولىدۇ.

كۈنسېرى يېڭىلانمىسا، مۇقەررەر ھالدا كۈنسېرى چېكىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش داۋامىدا تۈزۈمنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرگەن، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرغاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاندىن تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ئاندىن يەنىمۇ ئۆسىدۇ.

ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە، ئۆزگەرمەس ئارزۇ ۋە بۇرچ.

دەۋر كوردىناتىنى ئۇزارتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى 100 يىللىق مۇساپىگە نەزەر سالساق، ئالغا ئىلگىرىلەش يولى تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ −

«تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ تۇراقلاشقان تۈزۈمنى شەكىللەندۈرۈشتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مۇساپىسىنى بېسىپ بولدى، ئالدىنقى يېرىم مۇساپىدە بىزنىڭ ئاساسلىق تارىخىي ۋەزىپىمىز سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈم بەرپا قىلىش ھەم بۇ ئاساستا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بولدى».

«كېيىنكى يېرىم مۇساپىدە، بىزنىڭ ئاساسلىق تارىخىي ۋەزىپىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى، خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى، ساغلاملىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى بىر يۈرۈش تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ ئەسقاتىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەردانە سۆزلىرى بىر پارتىيە، بىر دۆلەت، بىر مىللەت ياراتقان شانلىق نەتىجىلەرنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا يېڭى ئۇلۇغ ئاتلىنىشنى باشلاپ بەردى.

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى ئېنىق سىزىپ چىقىلدى −

2020- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىپ، دۆلىتىمىز باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى −

پارتىيەمىز قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ 2035- يىلىغا بارغاندا، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغاندا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ، ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىنىدۇ.

دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىش...

بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى تارىخ يارىتىشتا بىزنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

يۇقىرىغا ئۆرلەشتە قەدەم توختاپ قالمايدۇ −

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ، ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ

ئارزۇ ئالدىمىزدا، يول تاپىنىمىز ئاستىدا.

ئىنتايىن ئاجايىپ باسقان يولىمىزغا قايتا قارىغىنىمىزدا، گۈللىنىشكە يېتەكلەيدىغان ئالدىمىزدىكى يولغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا بىز ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن، ھەرقانداق باسقۇچتىكىدىن تۈزۈم ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش يېڭى مۇساپىسى ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەشكە تېخىمۇ موھتاج.

«جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكتە قىلچە تەۋرەنمەسلىك كېرەك −

«كەيپىياتى داغدۇغىلىق، سەلتەنەتلىك، كەڭ كۆلەملىك، سالاپەتلىك، قائىدە ئۆلچەملىرى تەرتىپلىك، قائىدە - يوسۇن بىلەن مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن»، ئەمدىلا ئاخىرلاشقان دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى دۆلەتنىڭ كاتتا مۇراسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.

ئىسپانىيە «دۆلەت گېزىتى» تور بېكىتى مۇنداق باھا بەردى: «بۇ، ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ۋە تېخىمۇ ئۇلۇغۋار دۆلەت».

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقات ئورنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جىن مىنچىڭ مۇنداق قارىدى: «ئاچقۇچلۇقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقىلا، مۇشۇنداق كۈچلۈك تەشكىلىي كۈچ شەكىللەنگەن».

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى.

70 يىلدىن بۇيان، دەل پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرغاچقا، بىز نامرات، قالاق ھالەتتىن قەدەم ئېلىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى شەرقتىكى قەدىمىي چوڭ دۆلەتتە يىلتىز تارتقۇزۇپ ئۆسۈپ يېتىلدۈردۇق، بىر خىل يېڭىچە دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى جۇڭگو زېمىنىدا مۇكەممەللەشتۈردۇق، تەرەققىي قىلدۇردۇق، سان - ساناقسىز بوران - چاپقۇن، جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدۇق.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەم پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە گەۋدىلەندۈرۈشىمىز، شۇنداقلا يەنە باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى باشتىن - ئاخىر يۆنىلىشى مۇستەھكەم، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

«جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تۈزۈم لايىھەسىنىڭ خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك −

بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، «80- يىللاردا تۇغۇلغان» كۆمۈركان ئىشچىسى دۇڭ لىننىڭ كۆمۈركان ئىشچىلىرىنىڭ «ۋەكىلى»بولغانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى.

نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ كۆمۈركان قۇدۇقى ئاستىدىكى جاپالىق ئىش ئورنى ياردەم پۇلىدىن ئېلىنىدىغان شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى ئۇدا سۇنۇپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ.

دەل مۇشۇنداق تۈزۈم لايىھەسى بولغاچقا، شېن جىلەندەك ئاددىي دېھقان دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە تەسىر كۆرسىتەلىدى، دېھقان ئىشلەمچى، تېز يەتكۈزگۈچى قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى توغرىسىدىكى ئورتاق كېڭىشىشكە قاتنىشالىدى.

خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ئۈنۈملۈك ھالدا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈردى، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىدى، دۆلەت ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سارىيىدىن ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغىچە، ھەممىسىدە «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ دەۋر مەنزىرە لىنىيەسى نامايان بولدى.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز جەزمەن خەلق مەركەز قىلىنغان قىممەت يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تۈرلۈك دۆلەت تۈزۈمى لايىھەسى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە يولىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت تۈزۈم لايىھەسى ۋە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق قوزغىتىشىمىز كېرەك.

«جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتا، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇل تېشىنى پۇختىلاش كېرەك −

10- ئاينىڭ 21- كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14- قېتىملىق يىغىنىدا ھەق - تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ئۆيلىنىش - ئائىلە قىسمى لايىھەسىگە داۋاملىق قاراپ چىقىلدى، بۇ، ئومۇمىي خەلققە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇ تۈردىكى ئۇل خاراكتېرلىك قانۇننى 3- قېتىم قاراپ چىقىش ھېسابلىنىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان تۇنجى قانۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆيلىنىش قانۇنىنى تۈزۈشتىن نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىشكىچە، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش مۇساپىسى ئەكس ئەتمەكتە.

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىرى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە قانۇن - تۈزۈمنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ھازىر، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىغا موھتاج، پۇقرالارنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، بەخت - سائادىتى قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىغا تايىنىدۇ.

«يېڭى مۇساپىدە، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنىڭ بىر گەۋدە قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، بىز جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز» دېدى جۇڭنەن مالىيە - ئىقتىساد، سىياسىي - قانۇن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شۈ خەنمىڭ.

ئۆزىگە ئىشىنىش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش باش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىغاندا، بىز سەگەك ھەم قەتئىي ھالدا:

تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىدارە قىلىش سىسىتېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ تۈزۈمى، ئاساسىي تۈزۈمى، مۇھىم تۈزۈمىدە ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈم بىرىكمە كۈچى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك؛

ئۈزلۈكسىز تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرى ھەم ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك...

1957- يىلى، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرغۇچىلىرى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخى ئەمدىلا ئورنىتىلدى، تېخى تولۇق ئورنىتىپ بولۇنمىدى، تېخى تولۇق مۇستەھكەملەنمىدى».

1992- يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «ئېھتىمال يەنە 30 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بىز ئاندىن ھەرقايسى جەھەتلەردە تېخىمۇ پىشقان، تېخىمۇ تۇراقلاشقان بىر يۈرۈش تۈزۈمنى شەكىللەندۈرەلىشىمىز مۇمكىن».

2019- يىلى، يېڭى دەۋرنىڭ يول باشلىغۇچىسى تەنتەنىلىك بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: «بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولىنى ئاچتۇق، بىز مۇشۇ يولنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز».

ئېرەن دەرىخى چوغدەك قىزاردى، قىپقىزىل بايراق جەۋلان قىلدى.

كەڭ چاڭئەن كوچىسىنىڭ يېنىدا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش رەڭگارەڭ ساليۇتلىرى كۆز ئالدىمىزدىلا تۇرماقتا، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى تېخىمۇ ياخشى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشىنى يېپيېڭى تاللاشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تۈزۈم مەدەنىيلىكىگە جۇڭگونىڭ ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4