جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىروگرامما»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى پەزىلىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالىيجاناب قىممەت ئىنتىلىشىنى يېتىلدۈرگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات تارىخى مۇساپىسىدە، ماركسىزمنىڭ ئىنسانلارنىڭ گۈزەل جەمئىيەتكە بولغان غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك ئەخلاق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ شەكىللەندۈردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشتىكى تەخىرسىز ئېھتىياج، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلەپ.

«پىروگرامما»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بازار ئىگىلىكى قائىدىسى، سىياسەت، قانۇن - نىزام، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تېخى مۇكەممەل بولمىغانلىقى، ناچار ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ چىرىتىشى ۋە توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن، ئەخلاق ساھەسىدە يەنىلا ئاز بولمىغان مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. بەزى جايلاردا، بەزى ساھەلەردە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇش ھادىسىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلانغان بولۇپ، پۇلپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك، چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ؛ بەزى جەمئىيەت ئەزالىرى ئەخلاق قارىشى مۈجمەل، ھەتتا كەمچىل بولغاچقا، ھەق - ناھەقنى، ياخشىلىق - يامانلىقنى، گۈزەللىك - رەزىللىكنى ئايرىماي، مەنپەئەتنى دەپ ۋىجداندىن كېچىدىغان، پايدىنىلا كۆزلەيدىغان، باشقىلارغا زىيان سېلىپ ئۆزى پايدا ئالىدىغان، ئومۇمنى زىيانغا ئۇچرىتىش ھېسابىغا ئۆزىنى سەمرىتىدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؛ ساختىلىق، ئالدامچىلىق، لەۋزىدە تۇرماسلىق ھادىسىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان تۈزىسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ كېتىدىغان، خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ ئىززەت - ئابرۇيى ۋە مىللەتنىڭ ھېسسىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھادىسىلەر پات - پات يۈزبېرىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەر جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغىشى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىنىشى كېرەك.

«پىروگرامما»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك، شۇنداقلا تەخىرسىز، مۈشكۈل ھەم مۇرەككەپ ۋەزىپە، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئەخلاق ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«پىروگرامما»دا يېڭى دەۋردىكى پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئومۇمىي تەلەپ ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم ئەخلاق تەربىيەسىنى يېتەكچى قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەخلاق ئەمەلىيىتى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، تور بوشلۇقى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش، تۈزۈم كاپالىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4