ۋاڭ - گۇ سۆھبىتى

1993- يىلى 4- ئايدا، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئىككى ئەل ئارا تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ۋاڭ داۋخەن بىلەن گۇ جېنفۇ سىنگاپوردا ئۇچراشتى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ئالاقىلىشىش يولىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتى جەمئىيىتى قۇردى، ۋاڭ داۋخەن جەمئىيەت باشلىقى بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 1990 - يىلى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، تەيۋەن تەرەپ تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتى قۇرغان بولۇپ، گۇ جېنفۇ تۇنجى باش مۇدىر بولغانىدى.

1992- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى، ۋاڭ داۋخەن گۇ جېنفۇغا خەت ئەۋەتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىككى جەمئىيەتنىڭ خىزمىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلدى. 8- ئاينىڭ 22- كۈنى، تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتى سۆھبەتلىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. كۆپ قېتىملىق تەييارلىق خاراكتېرىدە كېڭىشىش ئارقىلىق، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتى جەمئىيىتى بىلەن تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتى ئۇل خاراكتېرلىك ئىشلارنى كېڭىشىشتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھەرقايسىسى ئاغزاكى شەكىلدە «دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ»(كېيىن «92- يىل ئورتاق تونۇشى» دەپ ئاتالدى) دەپ بايان قىلىپ، سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە يول ھازىرلىدى.

1993- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە، ۋاڭ داۋخەن بىلەن گۇ جېنفۇ سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى، ئىككى جەمئىيەتنىڭ خىزمىتى ھەم ئىككى قىرغاقنىڭ پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «ۋاڭ - گۇ سۆھبىتى ئورتاق كېلىشىمى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى شەكىللەندۈردى.

بۇ قېتىمقى ۋاڭ - گۇ سۆھبىتى 1949- يىلىدىن بۇيان ئىككى قىرغاق يۇقىرى قاتلام زاتلىرىنىڭ ئەل ئارا نامىدا ئاشكارا ئېلىپ بارغان ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبىتى ئىدى.

1998- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە، تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى گۇ جېنفۇ ئەر - خوتۇن تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتى زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا زىيارەتتە بولدى، ۋاڭ داۋخەن بىلەن گۇ جېنفۇ ئىككىنچى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

بۇ سۆھبەتلەر ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلاردا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. بولۇپمۇ سۆھبەت جەريانىدا «92- يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش تەكىتلىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۇل تاشقا ئايلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4