«تۇلپار ماكانى»دا توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، چوقۇم بارىدىغان جاي تېخىمۇ كۆپەيدى

− موڭغۇلكۈرە پۈتۈن رايون ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى

مۇخبىرىمىز ما جيەنلۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى ۋېنۋۇ

بۇ يەر«تۇلپار ماكانى»، بۇ يەر «قىچا ماكانى»، بۇ يەر« ھەسەن - ھۈسەن شەھىرى»...

بۇ يىل 9- ئايدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان رايونلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تىزىملىككە كىردى.

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش    مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش

پۈتۈن رايون ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، موڭغۇلكۈرە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ساياھەت تەرەققىياتى مېخانىزمى، تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق ياراتتى.

موڭغۇلكۈرە پۈتۈن رايون ساياھىتى بەرپا قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ساياھەت بىرلەشمە يىغىنى، ساياھەت مۇھىم، زور تۈرلىرىنى دەلىللەش يىغىنى، ساياھەتنى پىلانلاش يىغىنى، ساياھەت خىزمىتىدە رىغبەتلەندۈرۈش، باھالاش قاتارلىق ساياھەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مەخسۇس بەنزە خىزمەت تۈزۈمىنى تەشكىللەپ ئورناتتى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، قارىمىقىدا 48 ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر ئىشخانا، توققۇز گۇرۇپپا» تەسىس قىلىپ، ساياھەتنى پىلانلاش، تۈرلەرنى يولغا قويۇش، تەشۋىقات - ماركېتىڭ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئۆلچەم بەرپا قىلىش قاتارلىق ئون جەھەتنى قاپلىدى.

موڭغۇلكۈرە يەنە «<پۈتۈن رايون ساياھىتى   ئومۇمىي خەلق ساياھەتنى گۈللەندۈرۈش> توققۇز چوڭ ھەرىكەت پىلانى» «موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» «موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىدا مەبلەغ تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقاتار ئىسلاھات - تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى تۈزدى.

تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، موڭغۇلكۈرە ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجە پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى تەڭ تۇتۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا پۈتۈن رايوننى قاپلاش، پۈتۈن ئاپپاراتنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش    ئىستېرېئولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش

ساياھەت كەسپىنىڭ چوڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئاۋۋال بوغما ھالەتنى تۈگىتىش كېرەك. تىرىشىش ئارقىلىق، موڭغۇلكۈرە «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» (مەسىلەن: ھاجەتخانا تېپىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، يان تېلېفون سىگنالى راۋان بولماسلىق) قاتارلىق ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەتنى ئارقا - ئارقىدىن تۈگىتىپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

«ئاپتوموبىل ھەيدەپ موڭغۇلكۈرەگە ئوينىغىلى كەلدۇق، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ غۇلجا - موڭغۇلكۈرە تاشيولىغا چىقىپلا ساياھىتىمىز باشلاندى، يول بويىدىكى مەنزىرە سۈرەتتەك گۈزەل، شېئىردەك جەزبىدار ئىدى. يول بويىدىكى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىمۇ بىرقەدەر مۇكەممەل بولۇپ، خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىدە ساقچى ئاپتوموبىلى يول باشلايدىكەن، يول بويىدىكى بەزى مەنزىرىلىك جايلاردا مەنزىرە تاماشا قىلىش نۇقتىسى ياسىلىپ، ئاپتوموبىلنى توختىتىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە قولايلىق يارىتىلىپتۇ. قاراڭ، بۇ، بىز يولدا چۈشكەن ئۆزىمىز تارتقان سۈرەت» دېدى يېقىندا بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى سۇڭ ۋېي.

موڭغۇلكۈرە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ساياھەت چوڭ ئايلانما لىنىيەسىدىن ئۈچنى، سەرخىل كىچىك ئايلانما لىنىيەسىدىن 12نى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئوننى، ساياھەت مەسلىھەت مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 165نى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت، توختاش نۇقتىسىدىن 60 نى قۇردى، يەنە قىچا چېچىكى دېڭىزىنى بويلاپ سۇلۇق يەر باغچىسىغا تۇتىشىدىغان «ھەسەن - ھۈسەن يولى»نى ياسىدى. نۆۋەتتە، رەڭگارەڭ ھەسەن - ھۈسەن يولى توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى.

■ ئورنىنى دەل جايىدا بېكىتىش    خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش

«مەھسۇلات ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، كىشىلەر بىلمىسە بىكار.» ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، موڭغۇلكۈرە ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ساياھەت تونۇشتۇرۇش شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، دومبىرا چېلىپ، لەرزان پادىچى ناخشىسى ئېيتىپ، سىرتلارغا چىقىپ ساياھەتنى تونۇشتۇرۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ساياھەتچى مەنبەلىرىگە بېرىپ 140 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق مەخسۇس تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

مول پۈتۈن رايون ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى زۇمرەت دېڭىز - ئاپئاق بۇلۇت يولى، يايلاق مەنزىرىسى يولى، تۇلپار قايناق ھېسسىيات يولى، سەھرا مەنزىرىسى يولىدىن ئىبارەت تۆت مەنزىرە كارىدورى ياسىدى. يېزا - كەنت مول ساياھەت بايلىقى ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، بىناكارلىق ئۇسلۇبى، يانداش ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»، «بىر كەنتتە بىر تۈس بولۇش» باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا خاس ساياھەت پائالىيىتى لايىھەلەپ، چەۋەندازلىق يازلىق لاگېرى، ئات مىنىپ مەنزىرە كۆرۈش، ئۆزى ھېس قىلىش ساياھىتى قاتارلىق ئات ئۈستىدە ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى؛ ياۋا ساۋمېي ئۈزۈش رايونى، ئورمان بەلبېغىدا موگۇ تېرىش رايونى خاس ساياھەت ھېس قىلىش رايونى بەرپا قىلدى؛ ئىلمىي تەكشۈرۈشنى ھېس قىلىش لىنىيەسى، ئۆزگىچە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بارگاھى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆي ئاپتوموبىلى ھېس قىلىش رايونى قاتارلىق مودا ساياھەت شەكىللىرىنى لايىھەلىدى. خاس، پەرقلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى مەنزىلگاھىنى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالدى، زېرىكتۈرمىدى.

■ يۇغۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش    نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش

ساياھەت يېتەكلەشچانلىقى، يۇغۇرۇلۇشچانلىقى ئالاھىدە كۈچلۈك كەسىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ پۈتۈن رايون، پۈتۈن كەسىپكە ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇغۇرما كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. «ساياھەت+مەدەنىيەت كەسپى» «ساياھەت+ئاتچىلىق» «ساياھەت +زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى» «ساياھەت+يېشىل سانائەت» «ساياھەت+ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپى» قاتارلىقلارنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ بازىرى ئاقچى كەنتى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى بىرلا خىل ئىدى، ساياھەت مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن، ئاقچى كەنتىنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. چارۋىچى ئالارخان يېسىنبېك ئائىلىسى ئىلگىرى چارۋا باقمىچىلىقىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتمەيتتى. ئۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلار ناخشىسى ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان ئۈچ ئايدا 50 مىڭ يۈەن تاپتى. ھازىر، بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ئاقچى كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى يەنە ئويۇن قويۇش ئەترىتى، چارۋىچىلار ئائىلىسى زىيارىتى نۇقتىسى قاتارلىق خاس ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى.

موڭغۇلكۈرە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ ساياھەتچىلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بەرپا قىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ساياھەت كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش پۇرسىتى يارىتىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى. نۆۋەتتە، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن جەمئىي 15ى بەرپا قىلىنىپ، 120دىن ئارتۇق ساياھەت كۈتۈۋېلىش نۇقتىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىلدى.

بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 3 مىليون 58 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67 ئاشتى، ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 980 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %210 ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ساياھەت مۇلازىمىتىگە قاتناشقان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 13 مىڭ 300 يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن رايون ساياھەت كەسىپ زەنجىرى 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ساياھەت كەسپى 2600دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى، بۇنىڭدىن بىۋاسىتە نەپ ئالغان نامرات ئامما 7800دىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4