دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرۈشى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى 1992- يىلى ئەتىيازدا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دېڭ شياۋپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى رايونلارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم، زور تونۇش مەسىلىلىرىگە نەزەرىيە جەھەتتىن جاۋاب بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈكسەلدۈردى.

20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 90- يىللىرىنىڭ بېشىدا، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. جۇڭگو گەرچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «جازالىشى»نى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دۇچ كەلگەن كەسكىن خىرىس يەنىلا مەۋجۇت ئىدى. بۇ خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەت خېلى بىر قىسىم كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيەسىدە گاڭگىراش پەيدا قىلدى.

مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە، 1992- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە، دېڭ شياۋپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋۇچاڭ، شېنجېن، جۇخەي، شاڭخەي قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈردى.

كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا، ئۇ كۆپ قېتىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى100 يىلغىچە ئەسقاتىدۇ، تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يۈرەكلىكرەك بولۇپ، سىناپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك. ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىدە، ئاساسلىقى سوتسىيالىستىك ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولغان - بولمىغانلىقى، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولغان - بولمىغانلىقى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. پىلاننىڭ كۆپرەك بولۇشى ياكى بازارنىڭ كۆپرەك بولۇشى سوتسىيالىزم بىلەن كاپىتالىزمنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى ئەمەس. سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكسپىلاتاتسىيەنى يوقىتىپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى تۈگىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تېزدىن دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبتا قىلغان سۆزىنى پۈتۈن پارتىيەگە يەتكۈزدى، پۈتۈن پارتىيە دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبتا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 14- قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشقا تولۇق تەييارلىق قىلدى.

دېڭ شياۋپىڭنىڭ سۆزىدە، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئاساسىي ئەمەلىيەت ۋە ئاساسىي تەجرىبىلەر ئىلمىي خۇلاسىلىنىپ، ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋە بوغۇپ قويغان كۆپلىگەن مۇھىم، زور تونۇش مەسىلىلىرىگە نەزەرىيە جەھەتتىن چوڭقۇر جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشتىكى يەنە بىر ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش خىتابنامىسى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4