مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنبەسى، مەنىۋى كۈچنىڭ روھى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنى كۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى كەڭ دائىرىدە كېڭىيىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرۈش كېرەككى، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىدە يەنىلا تۈزۈلمە - مېخانىزم تاكامۇل بولماسلىق، ۋاسىتە، ئۇسۇل ماس كەلمەسلىك قاتارلىق ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت. يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات تارىخىي ئورنىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ھەرمىللەت ئاممىنى سۇبيېكت، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈپ يۆنىلىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تۈپ يول قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «مۇھىمى ئادەتتىكى ۋاقىتتا، مۇھىمى سىردىشىشتا، مۇھىمى ھەرىكەتتە، مۇھىمى ئاساسىي قاتلامدا» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادىمىيەتلەشتۈرۈش، ئەمەلىي گەۋدىلەشتۈرۈش، ئاممىبابلاشتۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، بەرپا قىلىش باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بەرپا قىلىش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، بەرپا قىلىش ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بەرپا قىلىش شەكلىنى بېيىتىپ، قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بەرپا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈپ يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تۈپ يول قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش نىشانىدا چىڭ تۇرۇش، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، جەمئىيەت ئىتتىپاقلىقى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئىجابىي يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى خەلق مائارىپى، ئەخلاق قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، باش تېما تەربىيەسىدىن ئىبارەت كۆپ تەرەپ بىر گەۋدىلەشكەن تەربىيەلەش سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىقات ۋاسىتىسى ۋە شەكلىنى ياخشىلاپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى تاراتقۇدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەمەلىي گەۋدىلەشكەن تەشۋىقات ۋاسىتىسى بەرپا قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەشۋىقات تەربىيەسى تور بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، «ئالاقە تورى+مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇپ، توردا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئورتاق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورى بوشلۇقىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان يېڭى سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆزئارا گىرەلىشىش شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت شارائىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەت ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتنى ئالماشتۇرۇش، يېتىلدۈرۈش، يۇغۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئايرىلماس ئورتاق گەۋدە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەدەنىيەت كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇشنى يېتەكلەش، ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مول خاسلىققا ئىگە ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» يۈرۈشلۈك ئەمەلىيەت تەربىيەسى پائالىيەت سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى بەخت - سائادەتنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلاپ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېغىرلىق مەركىزىنى مەھەللە، يېزا، كەنت، مەكتەپ، كارخانا، ليەندۈي قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا چۈشۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون ۋە ئۈلگىلىك ئورۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئۈلگىلىك رايونلارنىڭ باشلامچى بولۇپ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەڭ قەدەمدە بولۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەتتە تەڭ سۈپەتتە بولۇشى، قانۇنچىللىق كاپالىتىدە تەڭ ھوقۇقتا بولۇشى، مەنىۋى ماكاننى تەڭ قۇرۇشى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى تەڭ بەرپا قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خاسلىقى روشەن بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن قۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قەتئىي قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت جان تومۇرنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. سىياسەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۈلگە، نەمۇنىچىلارنى يېتىلدۈرۈش ۋە تاللاپ تىكلەش خىزمىتى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلام 1- سېپىگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنىڭ مەدەنىي شەھەرلەرنى ئۆلچەش - باھالاشتىكى ۋەزىنىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4