شاڭخەي شەھىرىدە پاي سودىسىنىڭ باشلىنىشى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى 1990- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى، جاڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ ئىچكىرى رايونىدا ئېچىلغان تۇنجى ئاكسىيە سودا ئورنى − شاڭخەي ئاكسىيە سودا ئورنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلىدى، بۇ، جۇڭگو كاپىتال بازىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، بەزى جايلار پاي تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. 1984- يىلى 11- ئايدا، شاڭخەي فېييۆ ياڭراتقۇ شىركىتى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئاۋامغا 500 مىڭ يۈەن پاي چېكى تارقىتىپ، پاي تۈزۈمىدىكى تىجارەتنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان پاي چەكلىك شىركىتىگە ئايلاندى.

پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزدە پاي چېكى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئارقىدىن، پاي چېكىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، پاي چېكى سودىسى قىلىش ئېھتىياجىمۇ بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، شېنياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا پاي چېكى پوكەي سودىسى پەيدا بولدى. 1986- يىلى 8- ئايدا، شېنياڭ ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىش شىركىتى پاي چېكىنى ۋاكالىتەن سېتىپ - سېتىۋېلىپ، پاي چېكى پوكەي سودىسى كەسپىنى قانات يايدۇردى. شۇ يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى شاڭخەي شەھەرلىك شۆبە بانكىسىنىڭ جىڭئەن رايونلۇق تىجارەت بۆلۈمىمۇ پوكەي سودىسى قىلىشقا باشلىدى.

1988- يىلى 11- ئايدا، گوۋۇيۈەن ۋە مەركەز مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگودا ئاكسىيە سودا ئورنى قۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، دۆلەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتېتى باشلامچى بولغان، دۆلەت پىلان كومىتېتى، مالىيە مىنىسترلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ھەم پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئالاقىدار زاتلار قاتناشقان دۆلەت ئاكسىيە باشقۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەشنى قارار قىلدى.

گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 1990- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە سودا ئورنىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ئېچىلدى، 12- ئاينىڭ 19- كۈنى، رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 1990- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، شېنجېن ئاكسىيە سودا ئورنىمۇ سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى ھەم 1991- يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلىدى.

شاڭخەي، شېنجېن ئىككى سودا ئورنىنىڭ تىجارىتى پاي چېكىنىڭ مەركەزلىك سودىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاي تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. بۇ، جۇڭگونىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگونىڭ كاپىتال بازىرى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، بارا - بارا خەلقئارا سەھنىگە كىردى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4