خەينەندە ئۆلكە قۇرۇش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى 1988- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى، پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەينەن ئۆلكىلىك كومىتېتى» «خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى» رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.

خەينەنداۋ ئارىلى دۆلىتىمىزدىكى ئىككىنچى چوڭ ئارال، دېڭىز تەۋەلىكى كەڭ، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل. لېكىن، ياخشى ئېچىلماسلىق، ئېچىۋېتىلمەسلىك سەۋەبىدىن، ئۇزاقتىن بۇيان ئۇ پەقەت بىر بېكىنمە، نامرات، قالاق ئارال ئىدى.

1980- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا، گوۋۇيۈەن بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خەينەنداۋ ئارىلى مەسىلىسى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، بۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن خەينەنداۋ ئارىلىنى ئېچىش توغرىسىدا ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق يىغىن ئىدى. 1983- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «خەينەنداۋ ئارىلىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇزاكىرە مۇھىم خاتىرىسى»نى تەستىقلاپ تارقىتىپ، خەينەنداۋ ئارىلىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى قارار قىلدى، سىياسەتنى كەڭ قويۇپ بېرىپ، خەينەن مەمۇرىي رايونىغا بىرقەدەر كۆپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بەردى.

1984- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى، دېڭ شياۋپىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى ياخشى باشقۇرۇش ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن: «بىز ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، بىر يېتەكچى ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ يىغىۋېلىش ئەمەس، بەلكى قويۇۋېتىش.» «بىز يەنە خەينەنداۋ ئارىلىنى ئاچىمىز، ئەگەر خەينەنداۋ ئارىلىنىڭ ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرالىساق، شۇنىڭ ئۆزى ناھايىتى زور غەلىبە.» بۇ ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» فاڭجېنىغا ئاساسەن، خەينەنداۋ ئارىلىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى.

1986- يىلى 8- ئايدا، گوۋۇيۈەن خەينەن مەمۇرىي رايونىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، خەينەن مەمۇرىي رايونىغا ئۆلكە دەرىجىلىك ئىقتىساد باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىپ، پىلانىنى ئايرىم تۈزۈشنى قارار قىلدى. 1987- يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن خەينەنداۋ ئارىلىدا ئۆلكە قۇرۇشنى قارار قىلدى ھەم ئۇنى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونغا ئايلاندۇردى. 1988- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا خەينەن ئۆلكىسى تەسىس قىلىش ۋە خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. 13 كۈندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەينەن ئۆلكىلىك كومىتېتى ۋە خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى رەسمىي ۋىۋىسكا ئاستى. نەچچە مىڭ يىل بېكىنمە، قالاق ھالەتتە تۇرغان خەينەنداۋ ئارىلى ئاخىر چوڭ ئېچىۋېتىش، چوڭ تەرەققىياتنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالدى، خەينەننىڭ تارىخىمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بىر يېڭى دەۋرگە كىردى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4