قەتئىي تەۋرەنمەي ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 4- قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

قەتئىي تەۋرەنمەي ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 4- قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھازىرقى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەتقىق قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىدە سىجىل تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ساياھەت ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىدا ئۇدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون 180 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.90 ئاشتى، ياراتقان ساياھەت كىرىمى 304 مىليارد 638 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.78 ئاشتى، ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بەرگەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان «بارومېتىر»غا ئايلاندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ دەل پەيتى كەلدى، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق پايدىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك. رايون ئالاھىدىلىكىگە باي بىر تۈركۈم ساياھەت سۈپەتلىك ماركىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەت ماركېتىڭ پائالىيەتلىرىنى بېيىتىپ، ساياھەت بازىرىنىڭ كۆلىمىنى كۈچەپ كېڭەيتىش كېرەك. «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش» تەلىپى بويىچە، قاتناش قاتارلىق ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتتىق دېتال ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ساياھەت مۇلازىمىتى مۇھىتى ۋە ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئاقىل ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇماتلار مەركىزى ۋە ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى نازارەتچىلىك سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قىشلىق ساياھەتنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىدە «كاسات پەسىلنىڭ كاسات بولماسلىقى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى تاراتقۇ، يېڭى سۇپا، يېڭى تېخنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساياھەت تەشۋىقاتىنى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، كۆپ ئۆلچەملىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ساياھەت بىخەتەرلىك كاپالىتى مېخانىزمى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئازادىلىك دەرىجىسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ھەم ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار، ھەرقايسى ساياھەت كارخانىلىرى «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4