ئىقتىساد نەزەرىيەسىدىكى يېڭى بۆسۈش

1984- يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى، پارتىيە 12- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارارى» پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد نەزەرىيەسىدىكى مۇھىم بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

دۆلىتىمىزدە 1978- يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان يېزا ئىسلاھاتىدا 1984- يىلى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزىلاردىن شەھەرلەرگە يۆتكەش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدە ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە ئىسلاھات جەريانىنىڭ مۇقەررەر تەلىپىگە ئايلاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەل ۋاقتىدا 12- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا قاراپ چىقىلغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارارى» شەھەرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلغان پۈتكۈل ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى بىرقەدەر سىستېمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئىزاھلاپ بەردى.

قارار پىلانلىق ئىگىلىكنى تاۋار ئىگىلىكى بىلەن زىتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى قاراشنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىدىكى پىلانلىق تاۋار ئىگىلىكى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ تونۇشقا ئاساسەن، قارار «پىلانلىق ئىگىلىكنى ئاساس، بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى قوشۇمچە قىلىش» دېگەن قاراشنى ئۆزگەرتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى يېڭىدىن يىغىنچاقلىدى: بىرىنچى، تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تولۇق تەرەققىياتىنى تەكىتلەش جەمئىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان باسقۇچى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر شەرتى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پىلانلىق تاۋار ئىگىلىكىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى؛ ئىككىنچى، بازار ئارقىلىق تەڭشەش رولىنىڭ ياردەمچى خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى داۋاملىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ خىل رولنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى؛ ئۈچىنچى، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يېڭىدىن ئىزاھلاپ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلاننى ئاساس قىلىشقا باراۋەر ئەمەسلىكىنى، بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلان ۋە يېتەكلەش خاراكتېرلىك پىلاننىڭ ھەممىسى پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ كونكرېت شەكلى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. يېتەكلەش خاراكتېرلىك پىلان ئاساسلىقى ئىقتىسادىي پىشاڭلىق رولدىن پايدىلىنىشقا تايىنىپ ئىشقا ئاشىدۇ، بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلانمۇ چوقۇم قىممەت قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلاننىڭ دائىرىسىنى باسقۇچلۇق ھالدا مۇۋاپىق تارايتىش، يېتەكلەش خاراكتېرلىك پىلاننىڭ دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش كېرەك. بۇ قاراشلار دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يېڭى نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

12- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارارى» پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەسىلىسىگە بولغان يېڭى تونۇشىنى نامايان قىلدى، بۇ، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىدىكى يېڭى تەرەققىيات.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: خالىسە ئەخمەت
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4