تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىق

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىڭ

يېقىندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يەنە بىر قېتىم كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، 28 جۇڭگو ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش ئەمەلىي تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ جازالاشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە تۆھمەت قىلىپ، قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، خەۋپسىزلىكىگە ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ھەر قانداق دۆلەت ۋە تاشقى كۈچنىڭ بۇرمىلىشى، تۆھمەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەممىگە ئايان، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، تېررورىزم، ئەسەبىزم پۈتۈن يەر شارىدا يامراپ كۈچىيىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېغىر، زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1990- يىلىدىن 2016- يىلىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدا نەچچە مىڭ قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرىنى پىلانلاپ سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىسىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى، ئاسايىشلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشىدە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلدى، ھەم دىنىي ئەسەبىزمدىن يۇقۇملانغان، يېنىك دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئەڭ زور دەرىجىدە تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىندى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر قاتار تەدبىرلىرى ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇنداق قىلىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنىڭ روھىغا تامامەن ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

2017- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۈچ يىلغىچە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈزبەرمىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، ئىناق بولدى، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا ئائىت بىر قاتار تەدبىرلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشتى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ھەمدە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 40 نەچچە تۈركۈم قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى. ئۇلار: بۈگۈنكى شىنجاڭ ئىناق، مۇقىم بولۇپ، بىر قاتار تەدبىرلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، تەجرىبە توپلىدى، ئىنتايىن ئۆرنەك قىلىش قىممىتىگە ئىگە، دېگەن ئورتاق تونۇشتا بولدى.

بىراق، ئامېرىكا تەرەپ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە «رەڭلىك كۆزەينەك» بىلەن قارىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن قەستەن باھانە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش»تىن ئىبارەت رەزىل نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ئىش تېرىمايدۇ، بىراق ئىشتىنمۇ قورقمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يولسىز بېسىمى ۋە بىر تەرەپلىمە جازانى يولغا قويۇشىغا قارىتا، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەمدە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى بار، جاسارىتى بار.

ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئوخشاش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يېقىندىلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، شادلىق ناخشىلىرى، كۈلكە - چاقچاق ساداسى قۇلاق تۈۋىمىزدە ھېلىھەم جاراڭلاپ تۇرماقتا. بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 180 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى، شىنجاڭدىكى بەختىيار، تىنچ تۇرمۇشتىن ھەمبەھرىلەندى. ھەر مىللەت خەلق تەستە قولغا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تىنچ، ئىناق جەمئىيەت ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، ھەر قانداق كۈچنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا ۋە تەرغىب قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4