جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2019- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى)

2019- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چوڭ شەھەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، گۈزەل ياشلىق باھارى بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئىزاھلاپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلىق ناخشىسىنى يېزىپ چىقتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ياش يولداشلار يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ياش يولداشلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

خۇاڭ ۋېنشيۇ، ئايال، جۇاڭزۇ، گۇاڭشى تيەنياڭدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 1989- يىلى 4- ئايدا تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، بەيسې شەھىرى لېيې ناھىيەسى شىنخۇا بازىرى بەينى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان. 2016- يىلى 7- ئايدا بېيجىڭ سىفەن داشۆسىدە قانۇنشۇناسلىق بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن، شۇ يىلى شۇ ئايدا گۇاڭشىدا نىشانلىق تاللاپ ئىشقا قويۇلىدىغان ئوقۇغۇچى سۈپىتى بىلەن بەيسې شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 2017- يىلى 9- ئايدىن 2018- يىلى 3- ئايغىچە، بەيسې شەھىرى تيەنياڭ ناھىيەسى نامەن بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلگەن؛ 2018- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ بەيسې شەھىرى لېيې ناھىيەسى شىنخۇا بازىرى بەينى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان. 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى، يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشتا تيەنياڭ ناھىيەسىگە قايتىپ ئېغىر كېسەل بولۇپ ئوپېراتسىيە قىلىنغىنىغا ئۇزاق بولمىغان دادىسىنى يوقلىغاندىن كېيىن، يېغىۋاتقان قارا يامغۇردا ئۆزى تۇرۇۋاتقان كەنتتىكى ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، كېچىلەپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ خىزمەت ئورنىغا قايتقان، يولدا تاغ كەلكۈنىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى ۋاپات بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئاران 30 ياشتا ئىدى.

يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەربىيەسى، يېتەكچىلىكىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ ۋەكىلى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»تىكى ئىلغار تىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قان - تەر تۆكۈپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا تۆھپە قوشۇۋاتقان ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئىخچام تەسۋىرى. ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەن، نامرات كەنتكە بېرىپ 1- شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان كەنتتىكى ئاممىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا خىزمىتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنىڭ چەت تاغلىق رايوندا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى كۆڭلىدە ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان، مەكتەپ پۈتكۈزگەندە چوڭ شەھەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئىككىلەنمەستىن يۇرتىغا قايتىپ كونا ئىنقىلابىي رايون بەيسېدا خىزمەت قىلغان ھەم شارائىتى جاپالىق چەت تاغلىق رايونغا بېرىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشقا تىزىملاتقان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىسىگىچە كۈرەش قىلغان. ئۇ نامراتلارنى يۆلەش يولىنى «قەلبىمدىكى يېڭى ئۇزۇن سەپەر» دەپ بىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك زىيارەت قىلىپ، «خەلق ئەھۋالى خەرىتىسى»نى سىزىپ، ئەگرى - توقاي تاغ يولىدا ئېرىنمەي مېڭىپ، تۈر ھەل قىلىپ، مەبلەغ تېپىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كەنتنىڭ ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ ئاممىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، سەمىمىي، ئاددىي - ساددا بولۇپ، كەمتەرلىك بىلەن پېشقەدەم كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىدىن ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار ۋە ئۆيدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلغان، ئۆزىنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپىنى ئۆگەنگەن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى پائال تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ خاراكتېرى قەيسەر بولۇپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ ئۆزىگە تايانغان، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلىگەن، گەرچە ئاتا - ئانىسى ئۇزاق مۇددەت كېسەل بولۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن تەشكىلگە ھېچقانداق تەلەپ قويۇپ باقمىغان، باشتىن - ئاخىر ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، ئاتا - ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىپ، ۋاپادار بولۇپ، باشقىلارغا قىزغىن ياردەم بېرىپ، ئېسىل ئىنسانىي پەزىلىتى بىلەن ئەتراپىدىكى ھەربىر ئادەمنى تەسىرلەندۈرگەن ۋە ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگەن. يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇ ياشلىق باھارى ۋە غەيرەت - شىجائىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى شەرھلەپ، قىسقا ھەم شانلىق ھاياتى بىلەن يېڭى دەۋر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش مارشىنى پۈتۈپ چىققان.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ياش يولداشلار يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇدىن ئۆگىنىشى كېرەك. يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇغا ئوخشاش پارتىيەگە سادىق بولۇپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا كىشىلىك تۇرمۇش ئىستىكىنى پارتىيە ئىشلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىپ، خەلق بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جاي ۋە خىزمەتلەرگە ئاتلىنىشى كېرەك. يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇغا ئوخشاش ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن شارائىتى جاپالىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تەر تۆكۈپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، جان - دىلى بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلىشى كېرەك. يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇغا ئوخشاش ئەستايىدىل بولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەيدىغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىدە ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش ئىرادىسى بىلەن، شىددەتلىك ئېقىندا مەزمۇت تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قايناق ھېسسىياتى ۋە تەرى بىلەن يارقىن ياشلىق باھارىنى پۈتۈشى، شانلىق نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ياش يولداشلارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭىدىغان كۈرەش قىلغۇچىلار، يول ئاچقۇچىلار، ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلاردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە، يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4