گۈزەل يۇرتنى قىزغىن سۆيۈپ، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرايلى

توقسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئەمەرجان ئىمىن 

«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى...» «شىنجاڭ ياخشى» دېگەن بۇ ناخشىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. مەن بىر شىنجاڭلىق بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن، چۈنكى بۇ يەردە مۇنبەت تۇپراق، مول بايلىق ۋە مەھسۇلاتلار، گۈزەل مەنزىرىلەر، ئەمگەكچان خەلق بار. ۋاقىت ئۇچقاندەك، يىللار ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە مېنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە خىزمەتكە كەلگىنىمگە سەككىز يىلدىن ئاشتى، بۇ يەر مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم بولۇپ قالدى. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەت مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى گۈزەللەشتى.

مەن ئونسۇ ناھىيەسىدە چوڭ بولغان، 2011- يىلى 7- ئايدا توقسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلدىم. پۈتۈن ناھىيەدىكى 200 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ھازىر توقسۇ ناھىيەسىدە كۈندىن - كۈنگە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. گۈللەر ئېچىلىپ، ئوت - چۆپلەر ياشىرىپ، ھاۋا ساپلاشتى؛ قىز - يىگىتلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممىلا جاي قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى؛ قاتار - قاتار بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، بۇرۇنقى كېسەك ئۆيلەرنىڭ ئىزناسى قالمىدى؛ تۈپتۈز ئاسفالت يوللار ھەربىر ئائىلىگە تۇتاشتى، سىرتقا چىققاندا ھەرگىزمۇ لاي - پاتقاق كەچمەيدىغان بولدۇق؛ مۇزىكىلىق فونتان، خېزى مەيدانى، دۇخۇشۇييۈن قاتارلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ھۆسن قوشتى، ئاممىنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. سىرتقا چىقىپ كېتىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يەنە توقسۇغا قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى: «ئۆزگىرىش بەك چوڭكەن، تونۇيالماي قالدۇق» دېيىشىدۇ. ئامما چىن قەلبىدىن: «توقسۇدىكى ئۆزگىرىشلەر بەك كۆرۈنەرلىك بولدى، بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەرىمىز ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستى، تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن ئىنتايىن ياخشى!» دەپ ماختىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىقتىساد راۋاجلاندى، جەمئىيەت تەرەققىي قىلدى، قىياپەت ئۆزگەردى. بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدىن، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشقانلىقىدىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يەڭگەنلىكىدىن بولدى. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بەنزىسىنى يېتەكلەپ باش نىشاننى چۆرىدەپ، «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش» خىزمەت باش رىتىمىنى چىڭ ئىگىلەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، «ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4