ئايال تىراكتورچىنىڭ شان - شەرىپى

− بىڭتۇەن نېفىت چەكلىك شىركىتى 8- شى شىخەنزە شەھەرلىك شۆبە شىركىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى جىن ماۋفاڭ توغرىسىدا خاتىرە

مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەن

جىن ماۋفاڭ، 1952- يىلى چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان، شىنجاڭدىكى 1- ئەۋلاد ئايال تىراكتورچى، بىڭتۇەندىكى 1- ئەۋلاد بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىي، ئۇ نۇرغۇن شان - شەرەپكە ئېرىشكەن. «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» بولۇپ سايلانغاندا ياشىنىپ قالغان ئۇ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ھاياتىمدا ئېرىشكەن بۇ شەرەپ ئەڭ شەرەپلىك.

1933- يىلى تۇغۇلغان جىن ماۋفاڭ پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نېفىت چەكلىك شىركىتى 8- شى شىخەنزە شەھەرلىك شۆبە شىركىتىنىڭ كادىرى ئىدى.

ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك

جىن ماۋفاڭ بوز يەر ئاچقان يىللاردىكى «تۆمۈر قىز» ئىدى.

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، ئۇ يۇرتى شەندۇڭدىن شىخەنزىگە يېڭى كەلگەندە، تەشكىل ئۇنىڭدىن خىزمەت ئارزۇسىنى سورىغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئەمگەككە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ تىراكتور رېمونت قىلىش ۋە ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

چەكسىز باياۋان ۋە كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق جىن ماۋفاڭنى قورقۇتالمىدى، ئۇ دالىدا تۇنجى يەرنى ئاغدۇرغان ئاشۇ پەيتتە، ئۆزىنىڭ يېپيېڭى كىشىلىك ھاياتىنىمۇ «ئاغدۇرۇپ» چىققانىدى.

بىرىنچى قېتىم تىراكتور ھەيدىگەندىكى ھېسسىياتى تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە − «ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مەغرۇرلانغۇدەك بىر ئىش ئىدى!»

جىن ماۋفاڭ ئىلگىرى ئالدىراش ھوسۇل پەسلىدە، تىراكتورنى ئۇدا ئۈچ كۈندۈز تۆت كېچە ئارام ئالماي ھەيدەپ ئەمگەك قىلغان. قىش كېتىپ باھار كەلدى، ئەسلىدىكى شىخەنزە باش مەيدانى تىراكتور بىلەن يەر ھەيدەش ئەترىتىدە خىزمەت قىلغان نەچچە ئون يىلدا ئۇنىڭ تىراكتور ھەيدەش تېخنىكىسى بارغانسېرى پىشىپ، يەتتە يىل ۋاقىت ئىچىدە 20 يىللىق ۋەزىپىنى تاماملاش رېكورتىنى ياراتتى.

1959- يىلى قىشتا، موسوۋەننى ئېچىش ئۈچۈن ماڭغان تىرانسپورت ئەترىتى سەپەر جەريانىدا تۇيۇقسىز سوغۇق ئېقىمغا ئۇچرىدى، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 45 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، تىراكتورنىڭ ماي تۇرۇبىسى توڭلاپ توسۇلۇپ قالدى. جىن ماۋفاڭ تىت - تىت بولۇپ ئاغزى بىلەن ماي تۇرۇبىسىنى ئىللىتماقچى بولدى، ئاغزى ماي تۇرۇبىسىغا تېگىشىگىلا بىراقلا چاپلىشىپ قالدى، ئۇ يەنە تىلى بىلەن يالاپ ئېغىزىنى ئاجراتماقچى بولدى، ئەمما تېرىسى سويۇلۇپ كېتىپ قان ئېقىپ چىقتى... ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە بوشاشماي باشقا ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ماي تۇرۇبىسىنى قىزىتىپ ۋەزىپىنى تاماملىدى.

مۇزېيدىكى تىراكتور

تىراكتورغا جىن ماۋفاڭنىڭ بىر ئۆمۈر دېگۈدەك كىشىلىك ھايات خاتىرىسى سىڭگەن.

ئۇ ئىلگىرى ھەيدىگەن «موتېس» تىراكتورى ھازىر ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى. شىخەنزىدە ئولتۇرۇشلۇق جىن ماۋفاڭ دائىم شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ «گۆھەر»ىنى كۆرۈپ كېلىدۇ.

جىن ماۋفاڭنىڭ نەزەرىدە، ئۇ ھەيدىگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئۇنىڭ بالىسىغا ئوخشايدۇ. شۇ يىللاردا، ئۇ تىراكتورغا سۇ قاچىلاشتا ئەزەلدىن سوغۇق سۇ ئىشلەتمەستىن، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىشلىتەتتى، ماي قاچىلاشتىمۇ سۈزۈلگەن ماي ئىشلىتەتتى، ئۇ ھەر كۈنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى پاك - پاكىز سۈرتەتتى. شۇ چاغدا بىڭتۇەندە مۇشۇنداق تىراكتوردىن سەككىزى بار بولۇپ، پەقەت جىن ماۋفاڭ ھەيدىگەن بۇ بىرسىلا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.

«ھازىر ياخشى بولدى، تىراكتور مۇزېيغا كىرگۈزۈلدى، مەن خاتىرجەم بولدۇم» دېدى جىن ماۋفاڭ خۇشال ھالدا.

ۋەتەن ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىش

كېيىن جىن ماۋفاڭ نېفىت تارمىقىغا يۆتكىلىپ تاكى پېنسىيەگە چىققۇچە ئىشلىدى. ھازىر ئۇ شىخەنزە شەھىرىدە ئاخىرقى ئۆمرىنى بەخت ئىچىدە خاتىرجەم ئۆتكۈزمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندە، جىن ماۋفاڭ ئىلگىرى كۈرەش قىلغان چۆل - باياۋاندا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلىدى، قاتار كەتكەن زامانىۋى بىنالار قەد كۆتۈردى، كەڭ، ئازادە، تۈپتۈز يوللاردا ئاپتوموبىل ئېقىمى ئۈزۈلمەيدۇ. شىخەنزىدە ئايرودۇرۇم بار بولدى، نەچچە سائەتتىلا جىن ماۋفاڭ يۇرتىغا قايتالايدىغان بولدى؛ ئىلگىرى بىر پارچە خەتنىڭ يۇرتىغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن بىر ئاي كېتەتتى، ھازىر ئۇ يىراقتىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن دائىم سىنلىق پاراڭلىشالايدۇ...

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى جىن ماۋفاڭ خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن باشقا، يەنە ھەر خىل ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى. بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ تىراكتورغا بولغان ھەۋىسى پەسەيگىنى يوق، دائىم تېلېۋىزور قاتارلىقلارنى كۆرۈش ئارقىلىق تىراكتوردىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كونتروللۇقىدىكى شوپۇرسىز تىراكتور ئۇنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى. بۇلتۇر يازدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «پەم - پاراسەتلىك ئادەم» پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا، ئۇ شوپۇرسىز تىراكتورغا چىقىشقا تەكلىپ قىلىندى. بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا، جىن ماۋفاڭ يەنىلا قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ: «ئىلگىرى ھەيدىگىنىمنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تىراكتورلار ئىدى، ئەقلىي ئىقتىدار كونتروللۇقىدىكى شوپۇرسىز تىراكتورنى تېخى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدىم، بۇ، بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تاپقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەن ھەقىقەتەن تولىمۇ پەخىرلەندىم، ۋەتەن ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىمەن!»

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4