داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانا ساھەسىدىكى زاتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى −

داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 70 يىلدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھەدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانا ساھەسىدىكى زاتلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتىمىز.

ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، بېيىپ قۇدرەت تېپىشىدىن ئىپتىخارلىنىش

دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئاساسىي قوشۇن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى. ئاپتونوم رايوندىكى 69 يىللىق تارىخقا ئىگە نۇقتىلىق دۆلەت كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قەلبىمنى لەرزىگە سالدى، ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.» بۇ شىركەت پىلان - تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزۈمنىڭ تولۇپ تاشقان ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇش، كۈرەش قىلىپ ئېلىشىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىق ئەقىل - پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى گوتەي شىنخۇادىكى بارلىق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.» شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياڭياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىمىز، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇستەھكەم تايانچ. گوتەي شىنخۇادىكى بارلىق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بۇرچىنى ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ساھەسىدىكى BDO مەھسۇلاتىنى يادرولۇق ئامىل قىلىپ، كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

كۈرەش قىلىش ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

جۇڭگو جۇڭمېي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاۋ لىجېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جاراڭلىق، كۈچلۈك بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. جۇڭمېي ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، كۆمۈر ئېلېكتىر بىرلەشمە تىجارىتىنىڭ يېڭى ئۆلچەم بايرىقىنى تىكلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق سىم ئوراش سېخىنىڭ خادىمى لياڭ دۇڭ ھەسسىلەپ ئىلھاملاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ يېڭى دەۋردە ياشاۋاتىمىز، كۈرەش قىلىش بىزنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىمىزدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتىنى جۇڭگونىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمەن.

«يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە، بىز دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى دەۋر بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، رەڭلىك مېتال ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قېزىلما بايلىقلار ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، دىققەتنى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كانچىلىق گۇرۇھىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز» دېدى غەربىي قىسىم ئالتۇنچىلىقى قاراماي خاتۇ ئالتۇن كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، دىرېكتور دۇەن ۋېيدۇڭ.

ئىرادىدىن يانماي ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى چىقاردى. شاد - خۇراملىققا چۆمگەن گۈللىنىش دەۋرىدە، پۇقراۋى كارخانىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى سۈن گۇاڭشىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى باشتىن - ئاخىر ئىرادىدىن يانمايدىغان ئىنتىلىش قىلىپ، باشقىچە خىياللاردا بولماي، يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر ئېقىمىغا سىڭىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق پۈتىمىز».

جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھىغا كىرىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سۇ بىلەن تەمىنلەش - سۇ چىقىرىش سېخىنىڭ چارلاپ تەكشۈرۈش ئىشچىسى ئابدۇلئەخەت مەتتۇرسۇن ۋە خوتۇنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ناھايىتى تېز ئۆسۈپ يېتىلدى، ئىككىيلەننىڭ ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى، ئائىلىسىنىڭ ئامانەت پۇلى بار بولدى، بۇلتۇر يەنە بىر نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. «بەخت كۈرەشتىن كېلىدۇ، ياخشى كۈنلەر ئىشلەشتىن كېلىدۇ.» ئابدۇلئەخەت مۇنداق بىلدۈردى: «مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، يېڭى ئۈسكۈنىلەر بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، ئىش ئورنۇمدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن».

(مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، يۈەن لېي، ما يىنىڭ، ياڭ شۇخەن، لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ شۇچېڭ، تۇ يەنشيا، ليۇ خۇەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4