بىر تەسىرلىك سىمفونىيە

خەن چىنيەن

قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش، كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش... دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن ياكى يېزا - كەنتلەردە بولسۇن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان تەسىرلىك سىمفونىيەگە ئوخشاش، كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا قويۇق، ئاددىي - ساددا قېرىنداشلىق مېھرىنى مۇجەسسەملىدى...

كۆڭۈللەر يېقىنلاشتى، مېھىر - مۇھەببەت چوڭقۇرلاشتى، غەيرەت ئاشتى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغاردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

تاغلار بەس - بەستە گۈللىنىش دەۋرىنى مەدھىيەلىدى، دەريالار ئۆركەشلەپ پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا ئىللىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى: ھەر مىللەت كادىرلار ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىرلىكتە ھويلا - ئارانلارنى تازىلىدى، بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى، پانۇس ئاستى، بىرلىكتە يەر تۈزلىدى، بىرلىكتە مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئەتراپىدىكى توساقلارنى مۇستەھكەملىدى، بىرلىكتە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ ۋەتەنگە بەخت تىلىدى، بىرلىكتە «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»نى ئېيتتى، بىرلىكتە پىروگراممىلارنى كۆردى، بىرلىكتە نازۇنېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى...

تۇغقانلار تۇغقانلىرى بىلەن تۇغقانلىق مېھرىنى بارغانسېرى چىڭىتتى. تۇغقانلار ئۈزلۈكسىز بېرىش - كېلىش قىلىش داۋامىدا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق قەلبى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

ۋەتەننى سۆيۈش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات. «يېڭى جۇڭگو بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بىزگە ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەردى، بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، بېيىشى، قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.» بۇ ئاساسىي قاتلامدىكى بىر ئاممىنىڭ ئاددىي سۆزى، شۇنداقلا تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى.

(<سۆز ھەممىگە> ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4