خەلق ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىش

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ پەيدا قىلغان زىياننى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋالدا چېكىدىن ئاشقان سولچىل پىكىر ئېقىمىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، زۇڭلى جوۋ ئېنلەي ئىزچىل پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. لىن بياۋ ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ بەزى مەسىلىلەرگە قايتىدىن قاراپ چىقتى. جوۋ ئېنلەي پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چېكىدىن ئاشقان سولچىل پىكىر ئېقىمىغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇردى.

«لىن بياۋنى تەنقىد قىلىش، ئىستىل تۈزىتىش» ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن، جوۋ ئېنلەي ماۋ زېدۇڭنىڭ قوللىشى بىلەن مەركەزنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ كادىرلار سىياسىتى ۋە زىيالىيلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەدىكى ئاغدۇرۇلغان بىر تۈركۈم رەھبىرىي كادىرلارنى قايتىدىن رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ گوۋۇيۈەنگە كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈملەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. ئۇ جاڭ چىڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش «ئەجنەبىيلەرگە چوقۇندى» دېگەن بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، تىرىشىپ تاشقى سودا ۋە ئىقتىساد - تېخنىكا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى. يېزا خىزمىتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا خەلق گۇڭشېلىرىنىڭ تەقسىمات مەسىلىسى توغرىسىدا يوليورۇق چىقىرىپ، جەزمەن ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. پەن - مائارىپ خىزمىتىدە، ئۇ ئاساسىي پەن ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىنى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت، مىللەت، بىرلىك سەپ قاتارلىق سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تۇتتى.

جوۋ ئېنلەي چېكىدىن ئاشقان سولچىل پىكىر ئېقىمىنى تەنقىد قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ 1967- يىلى 2- ئاينىڭ ئالدى - كەينىدە مەركەزدىكى نۇرغۇن رەھبىرىي يولداشلارنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ توغرا تەشەببۇسىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، بىرىنچى قېتىم «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ «سول»چىللىقىنى تۈزىتىپ، تەرتىپكە سېلىش ئىدى. ئىككى يىلغا يېقىن تەڭشەش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى. گەرچە ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن چېكىدىن ئاشقان سولچىل پىكىر ئېقىمىنى تەنقىد قىلىش كۈرىشى ئەمەلىيەتتە يەنىلا سىپايە، ئەگىتمە شەكىلدە داۋام قىلدى.

1972- يىلى، جوۋ ئېنلەيگە دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلدى. بۇ چاغدا ئۇ 74 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ساغلام كىشىلەرمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئىنتايىن ئېغىر خىزمەتنى زىممىسىگە ئالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى «سول»چىللىقنى تۈزىتىش تىرىشچانلىقى جاڭ چىڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن توسقۇنلۇق قىلىشى ۋە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: مەندە پەقەت سەككىز خەتلا بار − «پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىمغىچە ئىشلەش». ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى، پەقەت خىزمەتكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كەسىپكە بولغان چەكسىز ساداقەتمەنلىكلا بار ئىدى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4