ئۆگىنىش بىلەن ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈش  ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش

− ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر، تارماقلار، ئورۇنلار، يېزا - بازارلار، كوچا باشقارمىلىرى ۋە كەنت، مەھەللىلەر 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

مۇخبىرىمىز جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مېي لى، ياڭ ۋېيشۈەن

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار، يېزا - بازارلار، كوچا باشقارمىلىرى ۋە كەنت، مەھەللىلەر دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچنى يېتەكلەپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش

پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىشىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش

ئالتاي ۋىلايىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار ھەمدە يولغا قويغان ئورۇنلارغا ئاساسلىنىپ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن زۆرۈر ئوقۇشلۇقلارنى ئەينەن، تولۇق ئوقۇش، تەتقىق قىلىپ ئوقۇشقا تەشكىللەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چىڭ ئىگىلەپ، تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش مەخسۇس تېمىسى تۈزۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، مەنبەنى چوڭقۇر ئويلىنىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى توردا، تور سىرتىدا «ئۆزى ئۆگىنىش»، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ، مۇھاكىمە قىلىپ «ئۆزئارا ئۆگىنىش»، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ «مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش»، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىپ «ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئۆگىنىش»كە تەشكىللەش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسى، ئىلغار تىپلار تەربىيەسى، ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ جانلىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردى.

چىڭگىل ناھىيەلىك پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن كەچلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، زۆرۈر ئوقۇشلۇقلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقتى ھەم خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، پەرقنى تېپىپ چىقتى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

قابا ناھىيەسى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى يېتەكلەپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ تولۇق قاپلىشىغا، بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بولۇپمۇ چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تارقاق ئولتۇراقلىشىش، يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، بەش «ئات ئۈستى لېكسىيە سۆزلەش كىچىك ئەترىتى» تەشكىللەپ، «باش تېما تەربىيەسى ئۆگىنىش سومكىسى»نى ئېلىپ، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ۋە يايلاق كۆچۈشتىكى ئۆتەڭلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ «نۇقتىدا تۇرۇپ يېتەكلەپ ئۆگىنىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

كۆكتوقاي ناھىيەسى گېزىت ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز، ئوقۇشتا قىينىلىدىغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن ئۆگىنىشنى ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشتە سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈلگىلەر تەشۋىقاتىنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.

ئەلرايىنى ئاڭلاش

ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇش

ئاشكارا تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى. ئالتاي شەھىرى «مىڭ كادىر ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش، ئون مىڭ پارتىيە ئەزاسى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بىلەن سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ «جىددىي، قىيىن، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرى»نى ئېنىقلىدى.

ئالتاي ۋىلايىتى «چوڭ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئوبوروت فوندى» تەسىس قىلىپ، چوڭ كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان ھەمدە داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. چىڭگىل ناھىيەسى ئارال بازىرى كەڭمويناق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رازىيە زەينارخان دەل بۇ فوندنىڭ پايدىسىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى. كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇ چىڭگىل ناھىيەلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن 40 مىڭ يۈەنلىك چوڭ كېسەل ئوبوروت فوندى ئىلتىماس قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلدۇردى.

ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش، پائالىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىش بېجىرىپ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ئالتاي شەھىرى «چارۋىچىلىق مەخسۇس سىنىپى» خىزمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆچمە بازىدىن پايدىلىنىپ كوللېكتىپ ئاممىۋى پائالىيەت، كەنت ئاھالىلىرى قارالمىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن «چارۋىچىلار ئائىلىسى» بەرپا قىلدى. چارۋىچىلىق مەخسۇس سىنىپىدىكىلەر ئايمۇئاي ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرى ۋە پىكىر - تەكلىپلىرىنى توپلاپ، مۇۋاپىق پىكىر ۋە تەلەپلەرگە قارىتا تۈرگە ئايرىپ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، سۈرۈك ئىچىدە ھەل قىلىش، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش چارىسىنى قوللىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چارۋىچىلارنى ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، يۆلەش، ئۆزگىچە مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بۇرۇلتوقاي بازىرى جىخەي يولى مەھەللىسى پارتىيە تەشكىلاتى تەۋەلىكىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت كىچىك ئەترىتى»دىن ئالتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، «ئالدىن كېلىشىپ مۇلازىمەت قىلىش» «ۋاكالىتەن بېجىرىپ مۇلازىمەت قىلىش» «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۈرلۈك خەلققە قولايلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4